مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: يۇقۇم ۋە كەلكۈندىن ئىبارەت قوش ئاپەتنىڭ تەسىرىنى يوقىتىپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلايلى

2020.08.14 15:35 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:6- ئايدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ چاڭجياڭ، خۇەيخې، تەيخۇ كۆلى ۋادىلىرىدا ئېغىر كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، تەدبىرلەرنى ھەقىقىي كۈچەيتتى، دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ۋە ئورۇنلار ۋەزىپە-مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، زىچ ھەمكارلاشتى، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم ئاچقۇچلۇق پەيتتە زەربىدار ئەترەتلىك رولىنى جارى قىلدۇردى، كەڭ كادىرلار ۋە ئامما ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلدى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى تەرتىپلىك ۋە كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلىپ، پائال نەتىجە ۋە ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.

  يۇقۇمغا يەنە كەلكۈن ئاپىتى قوشۇلۇپ كەلگەن بولسىمۇ، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئېغىر سىناققا بەرداشلىق بەردى. خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ۋە ھاياتنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ھەمدە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەسئۇلىيەتنى چىڭداپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئالدىنقى سەپتە قوماندانلىق قىلىپ تۇردى، بولۇپمۇ كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش ۋە خەتەردىن قۇتقۇزۇشتىكى كەڭ خادىملار كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ قىيىنچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى. لېكىن، مەسىلىدىن ئۆزىمىزنى قاچۇرۇشقا بولمايدىغان يېرى شۇكى، كەلكۈن ئاپىتى يەنىلا بەلگىلىك ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلدى، مەسىلەن، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش -تۇرمۇش تەرتىپى بۇزۇپ تاشلاندى، شۇنداقلا نامرات ئاھالىلەرنىڭ «نامراتلىق قالپىقى»نى تاشلىشىدا يېڭى ئاۋارىچىلىقلار پەيدا بولدى.

  يېقىندا، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش بويىچە ۋىۋىسكا ئېسىپ ئۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتى نەتىجىلىرى بويىچە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىلقى جەنۇبتىكى كەلكۈن ئاپىتىنىڭ گۇيجۇ، گۇاڭشى ۋە سىچۈەن قاتارلىق ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايونلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىغا بەلگىلىك زىيان سالغانلىقىنى تونۇشتۇردى. يۇقۇم ۋە كەلكۈننىڭ قوش تەھدىتى ئاستىدا، ۋىۋىسكا ئېسىلغان 52 نامرات ناھىيە ئوخشىمىغان دەرىجىدە زەربىگە ئۇچرىدى. ئەمدىكى مەسىلە بولسا، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئەسلىدىكى تۇرمۇش يولىغا تېزدىن قايتىپ كېلىپ، داۋاملىق ئىشلەپچىقىرىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت.

   جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا ياردەم بېرىش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، ئاپەت سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. خەلق ھەممىدىن ئەلا، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلادۇر. خەلقنى مەركەز قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كونكرېت ئىشلەپ، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاش لازىم. مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش دېگەنلىك، ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش تەرتىپىنى قايتا قۇرۇشلا ئەمەس، يەنە كىشىلەر قەلبىنى قايتا قۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىغا قايتا قۇرۇش جەريانىدا تۈزۈمنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش، ئادىمىيەت غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇرۇشتۇر.

  شۇڭا، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىر تۈرلۈك زىچ باغلانغان سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئۇنىڭ كۆزىتىش، سىگنال بېرىشتىن، توسما ئامبىرىنى تەكشۈرۈش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىقلارغىچە بولغان ھەرقايسى باسقۇچلىرىدىكى بىرىمۇ كەم بولۇشقا بولمايدۇ. بۇ جەرياندا ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇشمۇ مۇھىم ۋەزىپە ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ