مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سالاھىيەت بولۇشنى سۈرۈشتە قىلغاندىن باشقا، يەنە ئادەم تەربىيىلەشتىكى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيە بولۇشنىمۇ سۈرۈشتە قىلىش لازىم

2020.08.18 17:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئېلىمىزدە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى 15 مىليوندىن ئاشىدۇ، بۇ سان فىنلاندىيەنىڭ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئومۇمىي ئادەم سانىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، قانداق قىلغاندا بۇ قوشۇننىڭ ئاساسىي ئوقۇتۇش ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يەنە ئۇلارنىڭ ئادەم تەربىيىلەش سەۋىيىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۇنى دۆلەت ئوقۇتقۇچىلار مائارىپىنىڭ مۇھىم تېمىسىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ؟ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلماقتا، دۆلەت ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىگە كاپالەتلىك قىلىپ، مەيلى تاغلىق رايوندىكى بالىلار بولسۇن، ياكى نامرات رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلار بولسۇن، لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش مۇلازىمىتى سالاھىتىگە ئېرىشىپ، تەربىيىلەش سۈپىتىنى دۆلەتنىڭ مائارىپ كاپالىتىگە ئىگە قىلدۇردى. دۆلەتنىڭ مائارىپقا بولغان سېلىنمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىمۇ ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۆستى، بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى يىلدىن-يىلغا ئۆستى، ئوقۇتقۇچىلىق ئورنىنىڭ رىقابەت كۈچى بارغانسېرى زورىيىۋاتىدۇ. بۇ بىزگە يەنە بىر مەسىلىنى، يەنى دۆلەت قانداق قىلىپ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئادەم تەربىيىلەش سەۋىيىسىنى سىجىل رەۋىشتە ئۆستۈرەلەيدۇ؟ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىدىن باشقا، تېخىمۇ مۇھىمى ئوقۇتقۇچىلىق ئىقتىدارى جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ئالاھىدە ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقالايدۇ؟ دېگەن بۇ مەسىلىنى مۇلاھىزە قىلىش ۋە ھەل قىلىشقا پۇرسەت يارىتىپ بەردى. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە يېڭى دەۋردە دۆلىتىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مائارىپ كەسپىدە بولۇشقا تېگىشلىك بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىدۇر.

  ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئادەم تەربىيىلەش سەۋىيىسى، دېگەن گەپ ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر ئۇقۇم بولۇپ، بۇنىڭدا بىر تەرەپتىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ پەن بىلىملىرىنى چوڭقۇر ئىگەللىگەن بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ پەن بىلىملىرىنى ئۆگىتىشكە ماھىر بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ؛ لېكىن، ئادەم تەربىيىلەش پەقەت پەننىي بىلىملەرنىلا ئۈگىتىش بىلەن توختاپ قالسا بولمايدۇ، بۇنىڭدا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى بېيىتالايدىغان، ئوقۇغۇچىلارنىڭ سىجىلچان تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلالايدىغان، پارتىيە ۋە دۆلەت ئۈچۈن لاياقەتلىك ئىز باسارلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقالايدىغان سەۋىيە ۋە ئىقتىدارنىڭمۇ بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئوقۇتقۇچىلار مائارىپ خىزمىتىدە، دەل ئادەم تەربىيىلەشنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسىنى بىلگەندىلا، ئوقۇتقۇچىلار ئاندىن كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار مائارىپىنىڭ مۇھىملىق دەرىجىسىنى چۇڭقۇر ھېس قىلالايدۇ. ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت ئىمتىھانىدىن ھالقىپ كەتكەندىلا، ئۆتكەندىمۇ ھەتتا زور دەرىجىدە ھالقىپ كەتكەندىلا، ئاندىن ئامما ئۈچۈن ئۆزلىرى رازى بولىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ، دۆلەت ئۈچۈن ئالاھىدە مائارىپ ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ.

  پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنىڭ ئادەم تەربىيىلەش ئىقتىدارىنى تېخىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرالىشى ئۈچۈن، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنى بېرىش ھوقۇقىنى دۆلەت ئەمدى پېداگوگىكا مەكتەپلىرىگە تاپشۇردى. بۇ ھەم دۆلەتنىڭ پېداگوگىكا مەكتەپلىرىگە بولغان ئىشەنچىسى، ھەم شۇنداقلا دۆلەتنىڭ پېداگوگىكا مەكتەپلىرىگە تاپشۇرغان ئېغىر مەسئۇلىيىتىدۇر. پېداگوگىكا كەسپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت كىنىشكىسى بېرىش ئىمتىھانىنى سىناق قىلىپ يۈرگۈزۈشتە، پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەربىيەلەش سۈپىتىنى تەكشۈرۈش ئىشى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت كىنىشكىسىنى بېرىش ئىمتىھانىغا تاپشۇرۇلدى. بۇ، پېداگوگىكا مەكتەپلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇ مەكتەپلەر ئەلۋەتتە پىداگوگىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. لېكىن، پەقەت ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت كىنىشكىسىنى بېرىش ئىمتىھانىلا ئاندىن لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىنىڭ تۈزۈم تۆۋەن چېكى ھېسابلىنىدۇ. ھازىر دۆلەت بۇ تۆۋەن چەكنى پىداگوگىكا مەكتەپلىرىگە قايتۇرۇپ بەردى. بۇ، بىر تەرەپتىن پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنىڭ ئۆزلىرى پېداگوگىكا كەسپىي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەربىيەلەش سۈپىتىنىڭ يېڭى تۆۋەن چېكىنى ئۆزلىرى بەلگىلىيەلەيدىغان بولۇشىدىن دېرەك بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ تۆۋەن چەكتىن تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەملىك ۋە تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك بولغان ئادەم تەربىيىلەش سەۋىيەسىنىڭمۇ بولۇشى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ