مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى قاچان بازارغا سېلىنىدۇ؟

2020.08.18 17:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو تېببىي دورىگەرلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «جۇڭگو دورىگەرلىك گۇرۇھى» دېيىلىدۇ) پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىرى ليۇ جىڭجېن: «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئۇرغۇزدۇم، ھېچقانداق ئەكس تەسىرى بولمىدى»، دېدى.

  يېقىندا، جۇڭگو دورىگەرلىك گۇرۇھى جۇڭگو بىيولوگىيە بېيجىڭ بىيو ياسالمىلىرى تەتقىقات ئورنىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى ئاكتىپسىزلاشتۇرۇش ۋاكسىنىسى ئىشلەپچىقىرىش سېخى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى تەشكىللىگەن بىيولوگىيەلىك بىخەتەرلىك بىرلەشمە تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، ئىشلىتىلىش شارائىتىنى ھازىرلىدى.

  ۋاكسىنا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنى يېڭىشتىكى «ھەل قىلغۇچ قورال» بولۇپ، كىشىلەر ئىزچىل تەقەززا بولماقتا. نۆۋەتتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى ۋاكسىنىسى تەتقىقاتى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ قاچان تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىپ بازارغا سېلىنىدۇ؟ باھاسى قىممەتمۇ؟ ئۈنۈمى قانداقراق؟ مۇخبىر ئالاقىدار قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى چۆرىدەپ ليۇ جىڭجېننى مەخسۇس زىيارەت قىلدى.

  ئاكتىپسىزلاشتۇرۇش ۋاكسىنىسى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا بازارغا سېلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە، يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 200 مىليون تالدىن ئاشىدۇ

  ليۇ جىڭجېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلقئارا كىلىنىكىلىق ئۈچىنچى باسقۇچلۇق سىناق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئاكتىپسىزلاشتۇرۇش ۋاكسىنىسى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھالقىسىغا كىرىدۇ، بۇ يىل 12-ئاينىڭ ئاخىرى بازارغا سېلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە. مۆلچەرلىنىشىچە بېيجىڭ بىيو ياسالمىلار تەتقىقات ئورنىنىڭ ئاكتىپسىزلاشتۇرۇش ۋاكسىنىسىنىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 120 مىليونغا يېتىدىكەن، ۋۇخەن بىيو ياسالمىلار تەتقىقات ئورنىنىڭ ئاكتىپسىزلاشتۇرۇش ۋاكسىنىسىنىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 100 مىليون تالغا يېتىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، گېن قۇرۇلۇشىنىڭ ئىككىلەمچى بىرلىك ۋاكسىنىسى بۇ يىل 10-ئايدا كىلىنىكىلىق تەتقىقاتقا كىرىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن، تەتقىق قىلىپ ياساش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان ھامان تېز سۈرئەتتە كەڭ كۆلەمدە ئىشلەپچىقىرىلىدىكەن.

  ئىككى تال ۋاكسىنىنىڭ قوغداش نىسبىتى %100كە يېتىدۇ، باھاسى 1000 يۈەنگە يەتمەيدۇ

  كىشىلەر ۋاكسىنا تەتقىقاتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەندىن باشقا، ۋاكسىنا باھاسىغىمۇ ناھايىتى كۆڭۈل بۆلمەكتە. ئۇنداقتا ئاكتىپسىزلاشتۇرۇش ۋاكسىنىسى زادى قىممەتمۇ؟

  ليۇ جىڭجېن مۇنداق دېدى: «ئاكتىپسىزلاشتۇرۇش ۋاكسىنىسى بازارغا سېلىنغاندىن كېيىن، باھاسى ئانچە يۇقىرى بولمايدۇ، بىر تالنىڭ باھاسى نەچچە يۈز يۈەن بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئىككى تال ئۇرغۇزسا، باھاسى 1000 يۈەن ئىچىدە بولىدۇ»، قوغداش نىسبىتى تەخمىنەن %97 بولۇپ، ئانتىتېلانىڭ پەيدا بولۇشى ئاستا بولىدۇ، ئەگرى سىزىققا ئوخشاش ئاستا-ئاستا ئېشىپ بارىدۇ، ئادەتتىكى ئەھۋالدا تەخمىنەن يېرىم ئاي ئىچىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسقا قارشى تۇرالايدىغان سەۋىيەگە يېتىدۇ؛ ئەگەر ئىككى تال ۋاكسىنا ئۇرسا، قوغداش نىسبىتى %100كە يېتىدۇ.

  ليۇ جىڭجېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىرىنچى ۋاكسىنا بىلەن ئىككىنچى ۋاكسىنىنى ئۇرۇش ئارىلىقى ئادەتتە 28 كۈن بولىدۇ، لېكىن ئالاھىدە ئەھۋالدا بىرلا ۋاقىتتا ئۇرسىمۇ بولىدۇ، سول بىلەككە بىرنى، ئوڭ بىلەككە بىرنى ئۇرۇشقا بولىدۇ. بىر ۋاكسىنىنىڭ مىقدارى تۆت مىكرو گىرام كېلىدۇ.

  ليۇ جىڭجېن مۇنداق دېدى: «ئېلىمىزدىكى 1 مىليارد 400 مىليون ئادەمنىڭ ھەممىسىگە ۋاكسىنا ئۇرۇش ھاجەتسىز، مەسىلەن، نوپۇسى زىچ شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقان ئوقۇغۇچىلار، خىزمەتچىلەر قاتارلىقلارغا ۋاكسىنا ئۇرۇش زۆرۈر، نوپۇسى ئاز يېزىلاردا ئولتۇراقلاشقان كىشىلەرگە ۋاكسىنا ئۇرمىسىمۇ بولىدۇ».

  پۈتۈن كۈچ بىلەن تىرىشىپ، تېزدىن پۇقرالارنى خاتىرجەم ۋاكسىنا ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز

  ليۇ جىڭجېن مۇنداق دېدى: ھازىرغا قەدەر، ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياساش، كىلىنىكىلىق تەجرىبە قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى ياساش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاقىدار خىزمەتلەر ئوڭۇشلۇق ئىشلەنمەكتە، بۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن كۈچ بىلەن تىرىشىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش سىنىقى ئېلىپ بېرىپ، پۇقرالارنى تېزراق خاتىرجەم ۋاكسىنا ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ