مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى، مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 27-قۇرۇلتىيىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، يېڭى دەۋردە قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە تەشكىللەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك

ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى

2020.08.18 17:42 مەنبە: خەلق تورى

  تەبرىك خەت

  جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ۋە جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 27-قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ھارپىسىدا، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ! پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ياشلىرى ۋە ياش ئوقۇغۇچىلار، چەت ئەللەردىكى بارلىق جۇڭگولۇق ياشلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن !

  5 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى ۋە يېتەكچىلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك ياشلار بىرلەشمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى قەيسەرلىك بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، پائال ئالغا ئىلگىرىلەپ، بارلىق باشلار ۋە ياش ئوقۇغۇچىلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدا ئەقىل پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇپ، ياشلىق قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، پارتىيەنىڭ ياشلار خىزمىتىنى ياخشى قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى.

  پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق، بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككىنچى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم تاشلاش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز. ئېلىمىزدىكى بارلىق ياشلار غايە ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، ئالىيجاناب پەزىلەت يېتىلدۈرۈپ، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ماھارەتنى تاۋلاپ، دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، ئىجاد قىلىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن جاپالىق كۈرەش قىلىپ، مىليونلىغان خەلق بىلەن بىرگە ئېگىلمەي پۈكمەي كۈرەش قىلىش جەريانىدا يېڭى دەۋرنىڭ ياشلىق مېلودىيەسىنى يېزىپ چىقىشى كېرەك.

  ياشلار بىرلەشمىسى ۋە ئوقۇغۇچلار بىرلەشمىسىنىڭ خىزمىتى پارتىيەنىڭ ياشلار خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ياشلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ياشلار بىرلەشمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە قوللاپ، بارلىق ياشلار ۋە ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ قابىلىيىتىنى ئاشۇرۇپ، ئىقتىدارىنى نامايان قىلىشىغا ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك. ياشلار بىرلەشمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى دەۋرنىڭ قەدىمىگە يېتىشىپ، ياشلار خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، ئىسلاھات يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بارلىق ياشلار ۋە ياش ئوقۇغۇچىلارنى پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، يېڭى دەۋردە قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە تەشكىللەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ

  2020- يىلى 8- ئاينىڭ 17- كۈنى

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

  جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسى 13-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ 27-قۇرۇلتىيى 8-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ھەر ساھە ياشلىرى ۋە ياش ئوقۇغۇچىلار، چەتئەللەردىكى بارلىق جۇڭگولۇق ياشلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق دېدى: 5 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى ۋە يېتەكچىلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك ياشلار بىرلەشمىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى تەشكىلاتلىرى قەيسەرلىك بىلەن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، پائال ئالغا ئىلگىرىلەپ، بارلىق باشلار ۋە ياش ئوقۇغۇچىلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدا ئەقىل پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇپ، ياشلىق قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، پارتىيەنىڭ ياشلار خىزمىتىنى ياخشى قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق، بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككىنچى يۈز يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم تاشلاش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز. ئېلىمىزدىكى بارلىق ياشلار غايە ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، ئالىيجاناب پەزىلەت يېتىلدۈرۈپ، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ماھارەتنى تاۋلاپ، دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، ئىجاد قىلىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن جاپالىق كۈرەش قىلىپ، مىليونلىغان خەلق بىلەن بىرگە ئېگىلمەي پۈكمەي كۈرەش قىلىش جەريانىدا يېڭى دەۋرنىڭ ياشلىق مېلودىيەسىنى يېزىپ چىقىشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ