مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يۈز يىللىق بوران-چاپقۇن، تارىخ ۋە خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تاللىدى

___ ئۇلۇغ مۇساپىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى (1)

2020.08.18 17:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  تارىخ ھەمىشە يۈرەكنى تىترىتىش ئارقىلىق چوڭقۇر ئىزلارنى قالدۇرىدۇ، شۇنداقلا قاينام-تاشقىنلىق بىلەن مول سەھىپىلەرنى يازىدۇ. 2020-يىلى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىدىن ئىبارەت بۇ دۇنياۋى كىرىزىس ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنى يېتەكلەپ يەر-جاھاننى تەسىرلەندۈرىدىغان ئەلا نەتىجىنى يارىتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەھەتتە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ماڭدى.

  زور كىرىزىس ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسى، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۈنۈمىنى سىنايدىغان سىناق تېشى. كىشىلەر بەس- بەستە: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جېڭىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر جۇڭگو كۈچى، جۇڭگو روھى، جۇڭگو ئۈنۈمىنى مەركەزلىك نامايان قىلىپ، مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى، ئۇيۇشۇش كۈچىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇردى، دېيىشتى. بۇ سىياسىي ئۈستۈنلۈكنىڭ نېگىزى دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدۇر. يېقىنقى 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللىتى ئىچكى-تاشقى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقتى، يېڭى جۇڭگو ھەممە ئىشنى قايتىدىن باشلاشقا توغرا كەلگەندە، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلىدى، ئىسلاھات، تەرەققىيات بوران-چاپقۇننى باشتىن كەچۈرگەندە، باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئالدى، ھەر قېتىم بوران- چاپقۇن ھۇجۇم قىلغاندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ھامان ئەڭ مۇھىم كاپالەت، ئەڭ ئىشەنچلىك تايانچ بولدى؛ ھەر قېتىملىق بوران-چاپقۇندىن كېيىن، جۇڭگو خەلقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تېخىمۇ ھىمايە قىلدى ۋە ئۇنىڭغا ئىشەندى، جۇڭگو تۈزۈمىگە بولغان ئىشەنچى تېخىمۇ تولۇپ تاشتى.

  يېقىنقى يۈز يىلدىن بۇيانقى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى شۇنى ئاللىقاچان ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى تارىخنىڭ تاللىشى، خەلقنىڭ تاللىشىدۇر. ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلققە يېقىندىن تايىنىپ، قاتمۇقات ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ، ئارقا-ئارقىدىن غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن ئۇلۇغ تارىخىي تۆھپە قوشتى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى جۇڭگونى «ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ئۆي ئاستىدا قېلىش، سۇ كىرىپ كەتكەن پاراخوتتا قېلىش، لاۋۇلداپ كۆيگەن ئوت ئىچىدە قېلىش» تەك ھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ، خەلقنى «قۇل بولۇش، ئات-كالا بولۇش، ئىت-قوي بولۇش» تەقدىرى بىلەن ئۈزۈل- كېسىل خوشلاشتۇردى؛ سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ ئورنىتىلىشى جۇڭگو تارىخىدىكى ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساس سالدى، خەلق قەد كۆتۈرۈپ، خوجايىن بولدى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى بىلەن 40 نەچچە يىل ۋاقىتتا جۇڭگو غەرب دۆلەتلىرىنىڭ نەچچە يۈز يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، دۆلەت «ئايلانما يولدا يانداپ ئۆتۈش»نى ئىشقا ئاشۇردى، خەلق گۈزەل تۇرمۇش كەچۈردى، بۇ، ئىنسانىيەت تارىخىدىمۇ ئاز ئۇچرايدۇ. ئەمەلىيەت مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان دەرىجىدە شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىدىن ئىبارەت بۇ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولغاچقا، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى ۋە بەختى ئۈزلۈكسىز يېڭى يۈكسەكلىككە يەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ