مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«95» نومۇر بۆلىكىنى پەرقلەندۈرۈشتىكى بۇ كىچىك ماھارەتلەرنى ئىگىلىۋېلىش كېرەك!

2020.08.18 17:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، نۇرغۇن ئابونتلار «95»تىن باشلانغان نومۇردىكى پاراكەندىچىلىك تېلېفونى كەلگەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى. «95» نومۇر بۆلىكىدىكى ئالدامچىلارنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟ پاراكەندىچىلىك تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن قانداق پاش قىلىش كېرەك؟ سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى «95» نومۇر بۆلىكىنى قانداق قېلىپلاشتۇرىدۇ؟ مۇخبىر 17-ئاۋغۇست بۇ ھەقتە سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئۇچۇر-ئالاقە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنى زىيارەت قىلدى.

  «95» نومۇر بۆلىكىنى پەرقلەندۈرۈشتە، بۇ «بىلىم نۇقتىلىرى» نى ئىگىلەش كېرەك.

  «95» نومۇر بۆلىكىدىكى ئالدامچىلارنى قانداق پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟

  ئېلىمىزنىڭ تېلېگراف تور نومۇرىغا ئاساسەن «95» نومۇر بۆلىكى مەملىكەت مىقياسىدا بىر تۇتاش ئىشلىتىلىدۇ، ئىشلىتىلىش ئورنىغا قاراپ، مۇلازىمەت تىپىدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ خېرىدارلار مۇلازىمەت نومۇرى، ئاممىۋى پاراۋانلىق مۇلازىمەت نومۇرى ۋە باشقا كەسىپلەرنىڭ ئۇلىنىش نومۇرى قاتارلىق ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. يەنى «95» تىن باشلانغان نومۇر بەلكىم مەلۇم بانكا، مەلۇم ئاۋىياتسىيە شىركىتى بولۇشى مۇمكىن، شۇنداقلا قىممەت ئاشۇرغۇچى تېلېگراف كارخانىسى بولۇشىمۇ مۇمكىن.

  مۇخبىرنىڭ سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئۇچۇر- ئالاقە باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئادەتتە 953، 955، 956 دىن باشلانغان نومۇرلارنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەش خانىلىق ياكى ئالتە خانىلىق بولۇپ، بانكا، ئاكسىيە، سۇغۇرتا، ئاۋىياتسىيە، ئەشيا ئوبوروتى (تېز يەتكۈزۈش)، نېفىت، تۆمۈريول، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كەسپىدىكى تەسىر كۈچىگە ئىگە چوڭ تىپتىكى كارخانىلار ئىشلىتىدىغان خېرىدارلار مۇلازىمەت نومۇرى بولۇپ، بۇ نومۇرلاردىن كەلگەن تېلېفوننى خاتىرجەم ئالسا بولىدۇ. يەنە 95110 بولسا نۆۋەتتە ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن دېڭىز ساقچىلىرىنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق مۇلازىمەت نومۇرى. ئەمما 950، 951، 952، 954 ۋە 957 دىن باشلانغان تېلېفون نومۇرلىرى چاقىرىش مەركىزى قاتارلىق قوشۇلما قىممەت تېلېگراف كارخانىلىرىنىڭ كەسپنى قانات يايدۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان نومۇرلىرىدۇر. بۇنىڭ ئىچىدە بەلكىم نورمال كارخانا (مەسىلەن تېز يوللانما شىركىتى) بولۇشى مۇمكىن، يەنە ناچار كارخانىلارمۇ بولۇشى مۇمكىن، بۇنىڭغا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ھۆكۈم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  پاراكەندىچىلىك تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن قانداق پاش قىلىش كېرەك؟

  ئابونتلارنىڭ 95 نومۇر بۆلىكىدىن كەلگەن تېلېفونلارنى پەرقلەندۈرۈشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى رويخەتكە ئېلىنمايدىغان نومۇر سۈرۈشتۈرۈش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى، «http://www.miinac.gov.cn»نى كىرگۈزۈپ، باش بەتتىكى «نومۇر سۈرۈشتۈرۈش» سەھىپىسىدە تېلېفون كەلگەن نومۇر ئۇچۇرىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ.

  ئەگەر «95» نومۇر بۆلىكىگە چېتىلىدىغان پاراكەندىچىلىك تېلېفونى كەلسە، ئابونتلار سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ھاۋالە قىلغان 12321 توردىكى ناچار ۋە ئەخلەت ئۇچۇرلارنى پاش قىلىشنى قوبۇل قىلىش مەركىزىگە ئەرز قىلسا بولىدۇ، يەنى 12321 ھۆكۈمەت تور بېكىتى ياكى 12321 پاش قىلىش ياردەمچىسى App دېتالى ئارقىلىق ئەرز قىلىشقا بولىدۇ، ئالاقىدار ئورۇنلار بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە، پاراكەندىچىلىك تېلېفونىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى «95» نومۇر بۆلىكىنى يەنە قانداق قېلىپلاشتۇرىدۇ؟

  يېقىندا سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى كەڭ ئابونتلارنىڭ ھوقۇق- مەنپەئەتىنى قوغداش، تېلېگراف تور نومۇرى بايلىقىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئادىللىقى ۋە ئاشكارىلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، «95»تىن باشلانغان 160 دىن ئارتۇق نومۇرنى يىغىۋالىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ئۇچۇر-ئالاقە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى جايلاردىكى ئۇچۇر خەۋەرلىشىشنى باشقۇرۇش ئىدارىلىرى بىلەن يىغىن ئېچىپ، جايلاردىن تېلېفون ئالدامچىلىقى، تېلېفون پاراكەندىچىلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مەركەزلىك تەكشۈرۈپ تۈگىتىشنى ھەمدە «95» نومۇر بۆلىكىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ۋە تۈزەپ، تۈرلۈك بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئاشكارىلاش سالمىقىنى قانۇن بويىچە زورايتىشنى تەلەپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ