مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«پۈتۈن مېڭىنى ئېچىش»نى باشقۇرىدىغان ئادەم يوقمۇ؟

2020.08.19 17:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «بالىڭىز بىلەن تالانت ئىگىسى ئوتتۇرىسىدا پەقەت بىر يۈرۈش يوشۇرۇن ئىقتىدارنى ئېچىش لايىھەسى كەم!»، «پەقەت ئىككى كۈن ۋاقىت سەرپ قىلىپ، بالىڭىزنى كۆزىنى ئېتىۋېلپ خەت تونۇيالايدىغان، چاقماق تېزلىكىدە ئوقۇيالايدىغان، بىر كۆرگەننى ئۇنتۇپ قالمايدىغان قىلىمىز»، «ئوكۇل سالدۇرماي، دورا يېمەي، يىڭنە سانجىماي، ئوپېراتسىيە قىلدۇرمايلا، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ»...

  يازلىق تەتىل كېلىشى بىلەنلا، ھەرخىل ناملاردىكى «پۈتۈن مېڭىنى ئېچىش» يەنە كەلدى. تەييۈەن شەھىرىدىكى «داۋمېڭ كەيجى» ئىسىملىك بىر تەربىيەلەش ئورگىنى 19 مىڭ 800 يۈەن قىممىتىدىكى تەربىيەلەش دەرسلىكى بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ، پەقەت ئىككى كۈندىلا، بالىلار «قولى بىلەن سىلاش، قۇلىقى بىلەن ئاڭلاش، بۇرنى بىلەن پۇراش ئارقىلىق رەڭ، خەنزۇچە خەت قاتارلىقلارنى بىلەلەيدىكەن». تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ سىرلىق تەربىيەلەش ئورگىنى 2010-يىلى قۇرۇلغان، مەملىكەت بويىچە نەچچە ئون ئالاھىدە ئىجازەتلىك ئورگان تەسىس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن پىچەتلەنمىگەن. پۈتۈن مەملىكەت بازىرىدا، «پۈتۈن مېڭىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش» شەكلىدىكى ئاپپاراتلارنى ساناپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ.

  «پۈتۈن مېڭىنى ئېچىش»نىڭ ماھىيىتى پەقەتلا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز ئەندىشىسى ئۈچۈن تاپشۇرغان «ئەقىل بېجى»دىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇلتۇر «كىۋانت داۋالغۇشى ئارقىلىق تېز ئوقۇش» قىزغىن مۇنازىرە قوزغىغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار كۆزىنى يۇمۇپ، دەرسلىك كىتابنى تېز ۋاراقلىسا، كىتاب بىلەن ئىندۇكسىيە يۈز بېرىدۇ، دېيىلگەن. مۇتەخەسسىسلەر ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاتالمىش «ئادەتتىن تاشقىرى ھېسسىي تەسەۋۋۇر كۈچى»، «كۆزنى ئېتىپ رەڭ ئۆزگەرتىش»، «ئوڭ مېڭىنى ئېچىش»نىڭ ھەممىسىنىڭ ئادەم ئالدايدىغان نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. بۇنىڭدىكى قائىدە ناھايىتى ئاددىي، ئۆگىنىش بىر خىل بىلىش پائالىيىتى بولۇپ، چوڭ مېڭىنىڭ يېزىقنى مەنىگە ئايلاندۇرۇش جەريانىدۇر، بۇنىڭدا ھېچقانداق قىسقا يول يوق.

  ئەمەلىيەتتە، ئاتالمىش «پۈتۈن مېڭىنى ئېچىش» ئەزەلدىن يوقاپ كەتمىدى. گەرچە تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى تەمىنلىگەن دەرسلەرنىڭ راست- يالغانلىقىنى پەرق ئېتىش تەس، گۇمانلىق نۇقتىلار كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئاتا- ئانىلاردىكى «خىسلەتلىك بالا ھېسسىياتى»غا تاقابىل تۇرالمايدۇ، ھەممەيلەن باش پەللىدە ئۇتتۇرۇپ قويۇشنى خالىمايدۇ، شۇڭا بۇنداق تەربىيەلەش ئورگانلىرى ئوچۇق-ئاشكارا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ھەتتا توختىماي شۆبە مەكتەپ ئاچىدۇ. بۇ يەردە شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئاساسلىق مەسئۇلىيەت ئاتا-ئانىلارنىڭ نادانلىقى بولۇپ، قانچە كىتاب ئوقۇمايدىغان ئاتا-ئانىلار بۇنداق «تېز يېتىلىش ئۇسۇلى»غا شۇنچە قارىغۇلارچە ئەگىشىدۇ. لېكىن شۇنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئالاقىدار تارماقلاردا «پۈتۈن مېڭىنى ئېچىش»قا قارىتا ئېنىق يەكۈن يوق بولۇشىمۇ بۇ خىل ئاپپاراتلارنىڭ ياۋايىلارچە ئۆسۈپ يېتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بەزى ئاتا- ئانىلارنىڭ «قانۇندا چەكلەنمىگەن» لىكىنى كۆرۈپ، سىناپ بېقىش پسىخىكىسى بىلەن «ئازگالغا كىرىشى»مۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئەمەس.

  مائارىپ تارماقلىرى تېخىمۇ چوڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. بۇلتۇر «كىۋانت داۋالغۇشى ئارقىلىق تېز ئوقۇش» كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن مائارىپ مۇپەتتىشلىك كومىتېتى بەش ئاپپاراتنى تاقىدى ھەمدە ئاگاھلاندۇرۇش رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ قېلىپلاشقان تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. مۇنداقچە ئېيتقاندا، «داۋمېڭ كەيجى» يەنىلا مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى دائىرىسىدە بولۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇشنى تەستىقلاش، پەن تۈرىدىكى تەربىيەلەش مەزمۇنىنى ئەنگە ئالدۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك، بۇ، مائارىپ تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. «مېڭىنى تولۇق ئېچىش» تىپىك ساختا پەن بولۇپ، قانۇنسىز مەكتەپ باشقۇرۇشقا چېتىلىدۇ، بۇنداق تەربىيەلەش ئاپپارىتى تەكشۈرۈپ تەستىقلاشتىن قانداق ئۆتتى؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئوقۇتۇش خادىملىرىنىڭ قولىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك مېڭە يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇستىسى سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى «ئېتىراپ قىلىنمايدىغان گۇۋاھنامە» تۇرسا، بۇ بەلگىلىمىگە خىلاپ تەربىيەلەش ئېلىپ بارغانلىق ئەمەسمۇ؟

  يىغىپ ئېيتقاندا، «مېڭىنى تولۇق ئېچىش» بويىچە تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ زىيىنى ئاز ئەمەس، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ھوقۇق-مەسئۇلىيەت مۇناسىۋىتىنى ئېنىقلاپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش بوشلۇقىنى تولدۇرىدىغان ۋاقتى بولدى!

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ