مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق گېزىتى مۇنبىرى: ئىقتىسادچىل ۋە تېجەشلىك بولۇش بىر ئەڭگۈشتەر

2020.08.19 16:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، نۇرغۇن جايلارنىڭ كىشىلەرنى ئىسراپچىلىقنى تىزگىنلەشكە دەۋەت قىلىپ تېجەشلىك بولۇشنى تەشەببۇس قىلىشى سودىگەرلەر ۋە خېرىدارلارنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى؛ چوڭ يەپ-چوڭ ئىچكەننى كۆز-كۆز قىلىدىغان بىۋاسىتە كۆرسىتىش سىنلىرى يوقاپ كەتتى؛ ئەكسىچە، يېشىل ۋە ساغلام يېمەك-ئىچمەكلەر بىلەن ئوزۇقلىنىش ئىدىيەسىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى تەرغىپ قىلىدىغان بىۋاسىتە كۆرسىتىش سىنلىرى ئالقىشقا ئېرىشتى؛ ئاشلىق ۋە بايلىقنى تېجەش ۋە ھەرقانداق شەكىلدىكى ئىسراپچىلىقنى توسۇش نۇرغۇن ئائىلە ئىستىلى ۋە ئائىلە تەربىيىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇپ قالدى. يېقىندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقى قىلمىشلىرىنى توسۇش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىغا پۈتۈن جەمئىيەت قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، ئىقتىسادچىل بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغان، شەھۋەتپەرەسلىكنى توسىدىغان ۋە ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرىدىغان قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچلەر مۇجەسسەملەندى.

  «يېمەك-ئىچمەك ئىسراپچىلىقى قىلمىشلىرىنى قەتئىي توسۇش»تىكى قاتتىق تەلەپلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدىن تارتىپ، «ياۋايى ھايۋانلارنى ئىستېمال قىلىشتەك ناچار ئادەتلەرنى قەتئىي توسۇش»قا قارىتا تۈرلۈك بۇيرۇقلارنىڭ چۈشۈرۈلۈشىگىچە، يەنە «ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىش خىزمىتى بولسا، بىر يېڭى مودا خىزمەتتۇر.» دېگەنگە ئوخشاش قىزغىن شۇئارلار ئارقىلىق ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىشقىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇدا مەدەنىي ۋە ساغلام بولغان، ھەمدە يېشىل بولغان مۇھىتنى ئاسرايدىغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. بۇ دەل باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تۇرمۇش ئۇسلۇبىدا بىر يېشىللىق ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسلۇبىدا تىپىنى يېشىللىق بويىچە ئۆزگەرتىشكە قىستاش كېرەك.» دېگەن سۆزىدە چوڭقۇر تەكىتلەپ ئېيتقاندىكى بىلەن ئخشاش. تۇرمۇش ئادىتى ۋە يېمەك-ئىچمەك ئادىتى كىچىك ئىش ئەمەس، ئىشنى مۇشۇ كىچىك يارىنى ساقايتىشتىن باشلاش ئارقىلىق، ئەسلىدىكى قىممەت ئىدىيەسىنى زور دەرىجىدە ئىسلاھ قىلغىلى ۋە ئىقتىسادىي پائالىيەتنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجى ۋە ئىنتىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرغىلى بولىدۇ. يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ساغلام تۇرمۇشنى نىشان قىلىپ، يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىدە بىر مەيدان «يېشىل ئىنقىلابى»نى ئېلىپ بېرىش بولسا، زىمىستان سوغۇقتا دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈلگەن ئوتۇن-كۆمۈردۇر.

  يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى ئاددىي-ساددا بولۇشقا تەڭشەش كېرەك. ئىقتىسادچىل ۋە تېجەشلىك بولۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىممەتلىك «تەۋەررۈكى»، دۆلەت تەرەققىي قىلىپ مەيلى قايسى سەۋىيىگە يەتسۇن، خەلق تۇرمۇشى مەيلى قايسى دەرىجىگە يەتسۇن، ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ.

  يېمەك ـ ئىچمەك مەدەنىيىتىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۇنى يېشىل ۋە تۆۋەن كاربونلۇق يېمەك-ئىچمەك بىلەن ئوزۇقلىنىدىغان مەدەنىيەت قىلىپ ئۆزگەرتىش كېرەك. ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ياشاشتا چىڭ تۇرۇش چوقۇم يېڭى دەۋر ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ تېمىسى بولۇشى، ھەم شۇنداقلا تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم يېتەكچى پرىنسىپى بولۇشى كېرەك. بىز تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش ۋە تەبىئەتنى قوغداشنى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا سىڭدۈرۈشىمىز، يېمەك-ئىچمەكنىڭ يېشىل ۋە تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشىنى، ھەمدە مۇھىت ئاسرايدىغان ۋە سىجىلچان تەرەققىياتنى ئويلايدىغان بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ياۋايى ھايۋانلارنى قالايمىقان يېيىش ئارقىلىق ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك يېمەك-ئىچمەك ناچار ئادەتلىرىنى تۈگىتىشىمىز كېرەك.

  يېمەك- ئىچمەك مەدەنىيىتىنى ساغلام ۋە مەدەنىي قىلىش كېرەك. ھەددىدىن زىيادە كۆپ يەپ-كۆپ ئىچىش، ياغلىق ۋە تۇزلۇق تاماقلارنى كۆپ يېيىش، گۆشلۈك تاماقلار بىلەن گۆشسىز تاماقلار ئارىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق قاتارلىق مەسىلىلەر بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا تۈرلۈك كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىلمىي ۋە ساغلام بولمىغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتى يەنە داۋالاش يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، بايلىق ئىسراپچىلىقى ۋە مۇھىت بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئۇنىڭ تەسىرىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ. ساغلام جۇڭگو ھەرگىز ساغلام يېمەك-ئىچمەكتىن ئايرىلالمايدۇ.

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت دېگىنىمىز، بىر تەرەپتىن ئۇ ماددىي جەھەتتىن مول بولغان ھاللىق جەمئىيەتنى كۆرسەتسە، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ يەنە بىر جەھەتتىن يېمەك-ئىچمەك ساغلاملىقى ۋە يېمەك-ئىچمەك مۇھىتىنى ئاسرايدىغان ھاللىق جەمئىيەتنى كۆرسىتىدۇ. بىز بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ، يېشىل ۋە ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئاددىي-ساددا ۋە مەدەنىي بولغان يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرەيلى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ