مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: ماركسىزملىق سىياسىي-ئىقتىساد ئىلمىنىڭ ھەقىقەت كۈچىنى ھېس قىلايلى

2020.08.19 17:37 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئۆزگىرىشچان دۇنيا ئىقتىسادى دولقۇنىدا، ئېلىمىز ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ پاراخوتنى ياخشى كونترول قىلىش-قىلالماسلىق پارتىيەمىز ئۈچۈن زور سىناق. باش شۇجى شى جىنپىڭ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 28-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇھىم سۆز قىلىپ: ماركسىزملىق سىياسىي-ئىقتىساد ئىلمى ماركسىزمنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشىمىزدىكى زۆرۈر دەرسلىك، دەپ تەكىتلىدى.

  ماركسىزملىق سىياسىي-ئىقتىساد ئىلمى بىزنىڭ خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارنى يېڭىپ، تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇشىمىزدىكى زۆرۈر دەرسلىك، بۇنىڭ مەنبەسى ماركسىزملىق سىياسىي-ئىقتىساد ئىلمىنىڭ كۈچلۈك ئىلمىيلىكى، روشەن دەۋرىيلىكى بولۇپ، چوڭقۇر ھەقىقەت كۈچى يوشۇرۇنغان. ماركس، ئېنگىلس دىيالېكتىك ماتېرىيالىزم ۋە تارىخىي ماتېرىيالىزملىق دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەگە ئاساسەن، تارىختىكى ئىقتىسادشۇناسلىق، بولۇپمۇ ئەنگلىيە كىلاسسىك سىياسىي-ئىقتىساد ئىلمىنىڭ ئىدىيەۋى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەنقىد قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئىنسانىيەت ئىقتىسادىي پائالىيىتىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ماركسىزملىق سىياسىي- ئىقتىساد ئىلمىنى بەرپا قىلدى. بۇ تەلىماتتا ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ، بولۇپمۇ كاپىتالىستىك جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادىي ھەرىكەت قانۇنىيىتى ئېچىپ بېرىلىپ، قوشۇمچە قىممەت تەلىماتى ئارقىلىق كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئېكسپىلاتاتسىيەنىڭ سىرى ئېچىپ تاشلىنىپ، پىرولېتارىيات بىلەن بۇرژۇئازىيە ئوتتۇرىسىدىكى سىنىپىي قارىمۇقارشىلىق ۋە كۈرەشنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسى تەھلىل قىلىندى، بۇنى ماركسىزم نەزەرىيەسىنىڭ «ئەڭ چوڭقۇر، ئەڭ ئەتراپلىق، ئەڭ تەپسىلىي ئىسپاتى ۋە قوللىنىلىشى»، دېيىشكە بولىدۇ.

  ماركسىزملىق سىياسىي-ئىقتىساد ئىلمى دۇنياغا كەلگەن كۈندىن باشلاپ، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولدى. ئۇنىڭ ھاياتىي كۈچى ھەم نەزەرىيەنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكى ۋە ئومۇميۈزلۈك تەتبىقلىنىشىدا ئىپادىلەندى، شۇنداقلا ئۇ چىقارغان ئىقتىسادىي ھەرىكەت قانۇنىيىتى ۋە مۆلچەرىدە ئىپادىلىنىپ، ئەمەلىيەت تەرىپىدىن ئىسپاتلاندى. خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدە نۇرغۇن كاپىتالىستىك دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى داۋاملىق تۆۋەنلەپ، ئىشسىزلىق مەسىلىسى ئېغىرلىشىپ، ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈش كۈچىيىپ، ئىجتىمائىي زىددىيەت چوڭقۇرلىشىشتىن ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدىكى بايلىق تەقسىماتى تەكشى بولماسلىق، باراۋەرسىزلىك دەرىجىسىنىڭ تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىشى ياكى ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىشىگىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، كاپىتالىزمدا بار بولغان ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئىجتىمائىيلىشىشى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىگە بولغان خۇسۇسىي ئىگىدارلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت يەنىلا مەۋجۇت، ماركسىزملىق سىياسىي-ئىقتىساد ئىلمى ئېچىپ بەرگەن ئومۇمىي پىرىنسىپنىڭ ئەزەلدىن ۋاقتى ئۆتمىدى. بىر ئەسىردىن ئارتۇق بوران-چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈپ، ماركسىزملىق سىياسىي-ئىقتىساد ئىلمى يەنىلا پۈتۈن دۇنيادا ھەقىقەتنىڭ كۈچىنى نامايان قىلدى. بۇ نەزەرىيە سىستېمىسىنى توغرا ئىگىلەش بىزدىن نەزەرىيە ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىش، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىش، ئۇنى ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاشقا ماھىر بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.

  نۆۋەتتە، دۇنيا ئىقتىسادى ۋە ئېلىمىز ئىقتىسادى نۇرغۇن يېڭى، زور مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە، بۇنىڭغا ئىلمىي نەزەرىيە جەھەتتىن جاۋاب بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. داۋاملىق ماركسىزملىق ئۇسۇل بىلەن جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي- ئىقتىساد ئىلمىنىڭ نەزەرىيە سىستېمىسىنى يىغىنچاقلاش ۋە تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنى ئىشەنچلىك، ئىلمىي، سىجىل نەزەرىيە تىرىكىگە ئىگە قىلىش كېرەك، بۇ نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ