مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو پاراۋانلىق جەمئىيىتى ئىشلىرىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى جاسارەت بىلەن يارىتايلى

2020.08.20 17:32 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭ 2018- يىلى خەت ئەۋەتىپ جۇڭگو پاراۋانلىق جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى تەبرىكلىگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: "مەن جۇڭگو پاراۋانلىق جەمئىيىتىنىڭ ج ك پ 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەڭ ئاياللار ۋە بالىلار خىزمىتىنى قىلغۇچىلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، كەلگۈسى ئىشلارنى بەرپا قىلىشقا داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىلىملىك، ئەخلاقلىق ۋە ياراملىق سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلار ۋە ئىز باسارلىرى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى ۋە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن!" جۇڭگو پاراۋانلىق جەمئىيىتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليۇرۇقنىڭ رۇھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشتىكى ئۆز ئورنىنى توغرا ئىگىلەپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگو پاراۋانلىق ئىشلىرىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى تىرىشىپ يارىتىدىغانلىق ئىپادىسىنى بىلدۈردى.

  شانلىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتۈش

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەممە ئىشتا ئالغا ئىلگىرىلەشتە بېسىپ ئۆتكەن يولنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ؛ ھەر قانچە يىراق ۋە ھەر قانچە پارلاق كېلەچەككە بارساقمۇ، ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ قېلىشقا، نېمە ئۈچۈن يولغا چىققانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. جۇڭگو پاراۋانلىق جەمئىيىتىنىڭ نامىنىڭ بېكىتىلىشى ۋە ئىجرائىيە كومىتېتى تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلىشى يېڭى جۇڭگونىڭ پاراۋانلىق ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ مۇقەددىمىسىنىڭ باشلانغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو پاراۋانلىق جەمئىيىتى يېڭى جۇڭگو بىلەن تەڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، شانلىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتتى.

  جۇڭگو پاراۋانلىق جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىنى جۇڭگو ئىنقىلابىي ئىتتىپاقىنىڭ ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەخرىي رەئىسى سۇڭ چىڭلىڭ 1938- يىلى 6- ئايدا شياڭگاڭدا قۇرغان بولۇپ، ئۇ جەمئىيەتنىڭ ئەينى چاغدىكى ئاساسلىق ۋەزىپىسى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا ماددىي ئەشيا يىغىپ ۋە پۇل ئىئانە قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئىدى. 1945- يىلى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، جۇڭگو ئىنقىلابىي ئىتتىپاقىنىڭ نامى يەنە "جۇڭگو پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتى" دەپ ئۆزگەرتىلدى، ھەمدە ئورنىنى شاڭخەيگە كۆچۈردى. ئۇ جەمئىيەتنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى خەلقنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ياردەم بېرىش ئىدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، ماۋ زېدۇڭ، جۇ ئېنلەي قاتارلىق پېشقەدەم پرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا، جۇڭگو پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتى 1950- يىلى 8- ئايدا رەسمىي ھالدا "جۇڭگو پاراۋانلىق جەمئىيىتى" دەپ ئاتالدى، ھەمدە يېڭى دەۋردىكى جەمئىيەت قۇرۇش فاڭجېنىنى بېكىتىپ، خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش، بالىلار مەدەنىيەت تەربىيىسى جەھەتتە تەجرىبە خاراكتېرلىك ۋە ئۈلگىلىك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىقلارغا يۆتكىدى. جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو پاراۋانلىق جەمئىيىتى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ئۈچۈن، جۇ ئېنلەي يەنە سۇڭ چىڭلىڭ بىلەن بىرلىكتە «جۇڭگو پاراۋانلىق جەمئىيىتى نىزامنامىسى»نى كېڭىشىپ، جۇڭگو پاراۋانلىق جەمئىيىتى ئىجرائىيە كومىتېتى تۈزۈمىنى ئورناتتى.

  جۇڭگو پاراۋانلىق جەمئىيىتىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلىش

  80 نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، جۇڭگو پاراۋانلىق جەمئىيىتى «شاڭخەينى نۇقتا قىلىش، پۈتۈن مەملىكەتكە مۇلازىمەت قىلىش، دۇنياغا يۈزلىنىش» ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئانا-بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش، ئوقۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلار مائارىپى، مەكتەپ مائارىپى، مەكتەپ سىرتىدىكى مائارىپ، بالىلار تىياتىرى، ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى، ياشانغانلار پاراۋانلىقى ۋە ئاشكارا ئىئانە فوندى قاتارلىق سەككىز چوڭ ئىش بۆلىكىدە بىر قاتار داڭلىق ماركىلارنى شەكىللەندۈرۈپ، ئاياللار ۋە بالىلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداش قاتارلىق خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرىدىغان تۈرلۈك خىزمەتلەرگە كۈچ چىقاردى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، بولۇپمۇ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان ۋە ئىشىك ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، جۇڭگو پاراۋانلىق جەمئىيىتىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ