مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

پارتىيە رەھبەرلىكىدە چوقۇم ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇپ، مەڭگۈ تەۋرەنمەسلىك لازىم

2020.08.20 17:53 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش − پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈپ ئاساسى، جان تومۇرىدۇر، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەنپەئەتى، بەخت- سائادىتىدۇر». جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى ئۆزىگە ئۆزى بەرگەن ئەمەس، بەلكى جۇڭگونىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەرلىكى، جۇڭگو خەلقىنىڭ تاللىشىدۇر. ئەمەلىيەت جۇڭگو خەلقىنىڭ تاللىشىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى ۋە يەنىمۇ ئىسپاتلايدۇ.

  1921-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى شاڭخەي فىرانسىيە كونسېسسىيەسى ۋاڭجى يولىدىكى بىر كىچىك بىنادا، مىسلى كۆرۈلمىگەن پارتىيە قۇرۇش ئۇلۇغۋار ئىشى باشلاندى. يۈز يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، بىر ھاياتىي كۈچكە تولغان سوتسىيالىستىك جۇڭگو دۇنيانىڭ شەرقىدە ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈردى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، بىز دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان ئىقتىسادىي تېز تەرەققىيات مۆجىزىسى ۋە ئىجتىمائىي ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىملىق مۆجىزىسىنى ياراتتۇق، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇ، پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ توغرىلىقىنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى تاللىشىنىڭ توغرىلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. ماڭغان يولغا نەزەر سالساق، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي كارتىنىسىنى سىزىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ كۈرەش مارشىنى ياڭراتتى، بۇ ھەممىسى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ئورنىنى ئۆزىگە ئۆزى بەرمىگەنلىكىنى، بەلكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەت داۋامىدا شەكىللەنگەنلىكىنى، جۇڭگو ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتىگە ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى، تارىخىي مۇقەررەرلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. پارتىيە رەھبەرلىكىدە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش، مەڭگۈ تەۋرەنمەسلىك شەرت.

  يېڭى دەۋر يېڭى تارىخىي تەرەققىيات ئورنىدىن دېرەك بېرىدۇ. دۇنيا ئەھۋالى، دۆلەت ئەھۋالى، پارتىيە ئەھۋالىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشكە ئەگىشىپ، بىز ھەم ھەر خىل پۇرسەتكە، ھەم ھەر خىل خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدۇق. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇشەققەتلىكلىكى، ئۇزاق مۇددەتلىكلىكى، مۇرەككەپلىكى ئېنىق، چوقۇم نۇرغۇن يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ كۈرەشلەرنى ئېلىپ بېرىش كېرەك. پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىلا جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ، ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بارالايدۇ.

  خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىس ئالدىدا، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ باشتىن-ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغاندىلا، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. تارىخ دەرياسى ئۆركەشلەپ ئاقماقتا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسى ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ، جاپا- مۇشەققەت، خەۋپ-خەتەر، ھەتتا دەھشەتلىك دولقۇنغا ئۇچراشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولسىلا، بىز چوقۇم مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يولىدا بوران-چاپقۇنغا قارىماي، زەپەر مارشىمىزنى ياڭرىتىپ ئالغا ئىلگىرىلىيەلەيمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ