مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش، جۇڭگو خەلقىنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى

ـ ـ ـ ئۇلۇغ مۇساپىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى (2)

2020.08.20 17:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇلۇغلۇقى، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىگە تولغانلىقىنىڭ بىر مۇھىم سەۋەبى شۇكى، ئۇ بولسىمۇ ئۆز-ئۆزىدىن قانائەتلىنىشنى رەت قىلىپ، مەڭگۈ توختاپ قالماي، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى ساقلاپ قالغانلىقىدىن ئىبارەت.

  جۇڭگو خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئارزۇسى بولسا، دەل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ۋە چىرىكلىككە قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىشىدىكى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچتۇر.

  يېقىندا، ئامېرىكىدىكى بىر داڭلىق ئاممىۋى مۇناسىۋەت شىركىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان "ئىشىنىش دەرىجىسىنى تەكشۈرۈش" دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمىتىگە بولغان ئىشىنىش دەرىجىسى %95كە يەتكەن بولۇپ، مەزكۇر تەكشۈرۈشتە زىيارەت قىلىنغۇچىلار بارلىق دۆلەتلەر ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. بۇ سانلىق مەلۇمات شۇنى كۆرسەتتىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، 1 مىليارد 400 مىليون خەلقنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشى ۋە قەتئىي قوللىشىغا ئېرىشىپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يولىدا يېتەكچىلىك قىلىپ يولى بارغانسېرى كېڭەيمەكتە.

  رېئاللىق بىر ئەينەك بولۇپ، ئۇ، پارتىيەنىڭ ئىقتىدارى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۈنۈمىنى يورۇتتى، ھەمدە ئۇنىڭ ئۆتمۈش، ھازىر ۋە كەلگۈسى بىلەن تومۇرداش ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى. يۈز يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ شانلىق تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتسەك، ئۇ شىكۇمېندىن باشلىنىپ تيەنئەنمېنگىچە كەلدى، ئەسلىدىكى 50 نەچچە پارتىيە ئەزاسىدىن تەرەققىي قىلىپ ھازىرقىدەك 91 مىليوندىن ئارتۇق پارتىيە ئەزاسى بار چوڭ بىر پارتىيەگە تەرققىي قىلدى. دېمەك، ئۇنىڭ ئىچكى ھاياتىي كۈچى ۋە تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ _ _ يەنى ئۇ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئۆزى ئۈستىدە ئىسلاھ قىلىش ۋە ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشكە ماھىر، ھەمدە ئىنتايىن كۈچلۈك ھالدا خاتالىقنى تۈزىتىش ۋە نورمال ھالەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھالدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش ۋە قاتتىق ئىدارە قىلىش بولسا، پارتىيەمىزنىڭ ئەڭ روشەن خىسلىتىدۇر. شۇنداق بولغاچقا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرۇچنى ئۈستىگە ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماي، جاپا-مۇشەققەتتىن ۋە بوران-چاپقۇندىن قورقماي، باشتىن-ئاخىر خەلقنىڭ ئىشەنچىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشتى.

  ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش خۇددى ئوپېراتسىيە پىچىقىنى ئېلىپ ئۆزىنى ئوپېراتسىيە قىلىشتەك بىر ئىش بولۇپ، ئۇنىڭدا ئوپېراتسىيە پىچىقىنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ ئىشلىتىپ ئۆزىنى ئوپېراتسىيە قىلىشقا، ئۆز سۆڭىكىنى ئۆزى قىرىپ تۇرۇپ زەھەرنى چىقىرىۋېتىپ داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ، شەك-شۈبھىسىزكى، بەكمۇ ئازابلىنارلىق ۋە مۈشكۈل بىر ئىشتۇر. شۇڭا، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىدىيە جەھەتتە يۈكسەك دەرىجىدە ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىشقا ۋە ھەرىكەت جەھەتتە يۈكسەك ئاڭلىق بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى نېمە ئۈچۈن بۇنى قىلالايدۇ؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھالدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيەمىزنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىدىغان جاسارىتىنىڭ بولۇشى دەل پارتىيەمىزنىڭ دۆلەت، مىللەت ۋە خەلقنىڭ مەنپەئەتىدىن باشقا ئۆزىگە خاس ھېچقانداق ئالاھىدە مەنپەئەتىنىڭ بولمىغانلىقىدىندۇر. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇلۇغلۇقى خاتالىق ئۆتكۈزمەسلىكتە ئەمەس، بەلكى ئەزەلدىن كېسەلنى يوشۇرماي، داۋالىنىشتىن باش تارتماي، مەسىلىلەرگە دادىل يۈزلىنىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، خەلقنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقنى تۈزىتىشتە ئىپادىلىنىدۇ. پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشقاقلىقى ۋە جەڭگىۋارلىقىغا سەلبىي تەسىر يەتكۈزىدىغان بارلىق مەسىلىلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈگىتىش، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە پاكلىقىغا زىيان يەتكۈزگەن بارلىق كېسەللەرنىڭ ھەممىسىنى ئۈزۈل-كېسىل داۋالاش، پارتىيەنىڭ ساغلام ئورگانىزمىدا پەيدا بولغان زەھەرلىك ئۆسمىنى قەتئىي يوقىتىش كېرەك. بۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئېتىقاد ئىستىكى، ھەم شۇنداقلا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ