مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تارىختىن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى قۇبۇل قىلايلى

2020.08.20 17:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  تارىخ ئەڭ ياخشى دەرسلىكتۇر. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزم تارىخىنى ئۆگىنىشنى چۆرىدەپ مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «تۆت تارىخ»نى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ غايە-ئېتىقادىنى چىڭىتىش، ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلدى. «تۆت تارىخ»نى ئۆگىنىش كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى تارىختىن ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.

  جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشنى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تارىخ بىر ئەينەك، تارىختىن بىز دۇنيانى تېخىمۇ ئېنىق كۆرەلەيمىز، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكەلەيمىز، ئۆزىمىزنى تونۇيالايمىز؛ تارىخ بىر دانىشمەن، تارىخ بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، بىز ئۆتمۈشنى تېخىمۇ ياخشى تونۇپ، ھازىرنى ئىگىلەپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنەلەيمىز». «تۆت تارىخ» نى ئۆگىنىش − جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش جەريانىنى ئەسلەش ۋە ئويلىنىش بولۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش نەزەرىيە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ماركسىزمنى ئۈزلۈكسىز يېڭى تارىخىي يۈكسەكلىككە كۆتۈرگەنلىكىنى خۇلاسىلەش ۋە رەتلەش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىيات يولىنى ئاڭلىق تونۇشتۇر. دەل «تۆت تارىخ»نى ئۆگىنىش جەريانىدا، بىز تارىخ ئارقىلىق بۈگۈننى ئۆرنەك قىلىپ، تارىخ ئارقىلىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ، جاھان ئارقىلىق ئىش كۆرۈپ، «تۆت ئىشەنچ»نى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسىتىمىز ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىمىز ئارقىلىق تۆھپە قوشالايمىز.

  جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ روھىنى جارى قىلدۇرۇشنى چوڭقۇر ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ. تارىخ ئەڭ ياخشى دەرسلىك، تارىخ يەنە ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇقتۇر. پارتىيەمىزنىڭ يۈز يىلغا يېقىن بولغان تەرەققىيات تارىخى، يېڭى جۇڭگونىڭ 70 نەچچە يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسى − ھەم يەر-جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان كۈرەش داستانى، ھەم ئۇلۇغۋار ئىرادىگە تولغان مەنىۋى مەدھىيەدۇر.

  پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىشى پۈتۈن پارتىيەگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىشىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدۇ. «تۆت تارىخ»نى ئۆگىنىش − كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىشىنىڭ ئەھمىيىتى، قىممىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىگە، پارتىيەمىزنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشقا جۈرئەت قىلىشتەك تارىخىي تومۇرىنى چوڭقۇر ئىگىلىشىگە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەش ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملىشىگە پايدىلىق.

  «تۆت تارىخ»نى ئۆگىنىش − پارتىيەمىزنىڭ پۈتكۈل خەلقنى يېتەكلەپ، بېسىپ ئۆتكەن شانلىق ئۆتمۈشكە نەزەر تاشلىشى بولۇپلا قالماي، يەنە باشقىلار بېسىپ ئۆتكەن يولغا بولغان بىر خىل سېلىشتۇرمىدۇر. «تۆت تارىخ»نى ئۆگىنىش − كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنىڭ دەۋر دولقۇنىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆركەشلەۋاتقانلىقىنى يەنىمۇ ئېنىق تونۇپ، دۇنيادا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ئىچىدە تارىخىي ئۆزگىرىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە پايدىلىق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ