مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بۇ يىل كارخانىلار ئۈچۈن كەچۈرۈم قىلىدىغان ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنىڭ بىر تىرلىيون 600 مىليارد يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە

كۈتۈنۈش پۇلى تارقىتىش كاپالەتكە ئىگە بولدى

2020.08.21 17:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىز كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش ئۈچۈن، كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى باسقۇچلۇق كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. بۇ سىياسەتنىڭ تەسىرىدە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا فوندىنىڭ ئومۇمىي كىرىمى 2 تىرلىيون 350مىليارد يۈەن، ئومۇمىي چىقىمى 2 تىرلىيون 680 مىليارد يۈەن بولۇپ، چىقىمى كىرىمىدىن كۆپ بولدى. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئەھۋالدا، كۈتۈنۈش پۇلى تارقىتىش كاپالەتكە ئىگە بولامدۇ-يوق؟ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تۈزۈمىنىڭ سىجىلچان تەرەققىياتىنى قانداق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؟

  ئىجتىمائىي سۇغۇرتا بۇنىڭدا «كەچۈرۈم قىلىش، كېمەيتىش ۋە پەسەيتىش» ئارقىلىق، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ھاياتىي زور كۈچ قوشتى.

  «ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى بىزگە ھەر ئايدا 400 نەچچە مىڭ يۈەن پۇل ئازايتىپ بەردى. بۇ، كارخانىلارنىڭ ئىشچى ئىشلىتىش تەننەرخى ۋە تىجارەت يۈكىنى زور دەرىجىدە يېنىكلەتتى»، دېدى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جۇڭشى دېباڭ ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتىنىڭ مالىيە خادىمى ليۇ خانىم.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جۇڭشى دېباڭ ئەشيا ئوبوروت چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇقىم خىزمەتچىلىرى 800دىن ئاشىدىكەن، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلەن بولۇپ كېتىش ئالدىراشچىلىقىنىڭ تەسىرىدە، شىركەتنىڭ كەسىپ مىقدارى چۈشۈپ كەتكەن، لېكىن، شىركەتنىڭ ئادەم ئىشلىتىشكە كەتكەن چىقىمى، ئىجارە ھەققى، سۇ ۋە توك قاتارلىق مۇقىم چىقىمى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزگەرمىگەن. شىركەتنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە تەننەرخ خىراجىتى تەخمىنەن 3 مىليون 250 مىڭ يۈەن بولغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئادەم ئىشلىتىشكە كەتكەن چىقىم تەننەرخى %50كە يېقىنلاشقان. ئەمما كېمەيتىلگەن ۋە كەچۈرۈم قىلىنغان 400 مىڭ يۈەنلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى كارخانىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇردى، دېدى ليۇ خانىم.

  كارخانىلارنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، 20- چېسلا، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، باج باش ئىدارىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تارماق «كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى باسقۇچلۇق كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى، 6- ئاينىڭ 22- كۈنى ئۈچ تارماق يەنە بىر قېتىم ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى كېمەيتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويۇش مۇددىتىنى ئۇزارتتى.

  كارخانىلارغا قارىتا، ئوتتۇرا-مىكرو كارخانىلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ئىشتا يارىلىنىش ۋە ئىشسىزلىقتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققى 2020- يىلى 2- ئايدىن 12- ئايغىچە كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ؛ چوڭ تىپتىكى كارخانىلاردىن ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ئىشتا يارىلىنىش ۋە ئىشسىزلىقتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئورنىنىڭ ھەق تاپشۇرۇش قىسمىنىڭ يېرىمى 2020- يىلى 2- ئايدىن 6- ئايغىچە كېمەيتىلىدۇ؛ خۇبېيدىكى تۈرلۈك كارخانىلاردىن 2020- يىلى 2- ئايدىن 6- ئايغىچە بولغان ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئورنىنىڭ ھەق تاپشۇرۇش قىسمى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىدە ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتتە ئېغىر قىيىنچىلىق كۆرۈلگەن كارخانىلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى 2020- يىلى 12- ئاينىڭ ئاخىرغىچە كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرسا بولىدۇ، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش مەزگىلىدە باج كېچىكتۈرۈلگەنلىك پۇلى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

  شەخسكە قارىتا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا شەخسىي ھەق تاپشۇرۇش تۆۋەن چېكى 2019- يىللىق ئۆلچەم بويىچە داۋاملىق ئىجرا قىلىنسا بولىدۇ؛ كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا شەخسىي سالاھىيىتى بىلەن قاتناشقان يەككە سودا-سانائەتچىلەر ۋە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان تۈرلۈك كىشىلەر ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرۇشتا ھەقىقەتەن قىينچىلىقى بارلار، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرسا بولىدۇ، 2020- يىلى ھەق تاپشۇرمىغان ئاينىڭ پۇلىنى 2021- يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تولۇقلاپ تاپشۇرسا بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ