مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«كومپارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت ئەترىتى»نىڭ بايرىقىنى ئېگىز جەۋلان قىلدۇرايلى

___ دۆلەت كارخانىلىرىدا ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش

2020.08.20 17:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش − ئېلىمىز دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ «يىلتىزى» ۋە «جېنى»دۇر. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «دۆلەت كارخانىلىرىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇشنى بوشاشتۇرۇپ قويماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، كارخانا قەيەرگىچە تەرەققىي قىلسا، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ شۇ يەرگىچە يېتىشىپ كىرىشىگە، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى شۇ يەردە ئىپادىلىنىشىگە كاپالەتلىك قىلىش لازىم». بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىدىكى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى خىزمىتى نىزامى (سىناق نۇسخىسى)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ) نى بېسىپ تارقاتتى، بۇ، پارتىيەنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى ۋەزىيەتتە، دۆلەت كارخانىلىرىدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چوقۇم دۆلەت كارخانىلىرىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى مۇستەھكەم، جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيە بايرىقىنى ئاساسىي قاتلام بازىسىدا جەۋلان قىلدۇرۇش كېرەك.

  دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش، ۋاسىتىلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، «كومپارتىيە ئەزالىرى مۇلازىمەت ئەترىتى» قۇرۇلۇشىنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئاساسىي قاتلامغا كېڭەيتىش، ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىشنىڭ ئۆزگىچە ئەمەلىيىتى قىلىپ، شىركەتنىڭ مەركەز كارخانىلىرىنىڭ «ئۈچ چوڭ مەسئۇلىيىتى»نى ئادا قىلىش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى باشلامچىسى بولۇشنى ياخشى ئىشلەش، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى قىلدى.

  پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش داۋامىدا «تۆت ئاڭ»نى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى پارتىيەنىڭ تۈپ قۇرۇلۇشى بولۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۆنىلىشى ۋە ئۈنۈمىنى بەلگىلەيدۇ. «نىزام» دا دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئورنى، رولى ۋە خاراكتېرى، ئالاھىدىلىكى ئاساس قىلىنىپ، دۆلەت كارخانىلىرىدىكى پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلدى.

  پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ئىشلاردا ئاۋانگارتلىق رولىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە ئورگانىزمىنىڭ ھۈجەيرىسىدۇر. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇستەھكەم، جەڭگىۋار قورغانغا ئايلىنىش- ئايلىنالماسلىقى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش-قىلدۇرالماسلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىشتە، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش شەرت. «نىزام»دا پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىلىپ، دۆلەت كارخانىلىرىدا پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ