مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئورتاق مەنپەئەت خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك

--- جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە توغرا قاراش ۋە ئۇنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك

2020.08.21 17:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىجتىمائىي ئىش تەقسىماتى ئىنسانىيەت ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىدۇ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى خەلقئارا ئىش تەقسىماتى ۋە دۇنيا بازىرىنى ئالدىنقى شەرت قىلىدۇ. خەلقئارا ئىش تەقسىماتى بولمىسا، ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىي قىلالمايدۇ، ئىجتىمائىي بايلىق گۈللىرى توزۇپ كېتىدۇ. خەلقئارا ئىش تەقسىماتى ئاساسىدا شەكىللەنگەن دۇنياۋى كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرى بولسا، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى، شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ داۋاملىق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىدىكى ئاساسىي تايانچدۇر. بىراق، ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسەتۋازلار ئېقىمغا قارشى ھەرىكەت قىلىپ، كۆپ پايدا ئېلىش ئۈچۈن «ئامېرىكا زىيان تارتتى» دېگەندەك يالغان گەپلەرنى قىلماقتا، ھەتتا «جۇڭگو نەچچە ئون يىلدىن بۇيان مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇسۇللار بىلەن ئامېرىكىنى يۇتۇۋالدى.» دەپ جار سالدى، ئۆزلىرىنىڭ شەخسىيەتچىلىكى، يۈزەكى ۋە يىراقنى كۆرەلمەسلىكى بىلەن خەلقئارا ئىش تەقسىماتى ھەمكارلىقىغا توسالغۇ سېلىپ، باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلدى.

  جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى جۇڭگوغا، ئامېرىكىغا ۋە دۇنياغا پايدىلىق ئىكەنلىكى بىر ئاساسىي پاكىت بوكۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم سىياسەتۋازلار ئىنكار قىلسىلا يوققا چىقىدىغان نەرسە ئەمەس. شۇنى كۆرۈش كېرەككى، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمدە ئىختىلاپتىن ھالقىغان ئۇ كۈچ بۇرۇنلا ئىككى دۆلەتنىڭ بىر-بىرىگە مايىللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم كۈچ ئىدى. كۆپ يىللار ئىلگىرى، ئىستراتېگىيىلىك نەزەر ۋە كەلگۈسى نۇقتىئىنەزەر بىلەن خەلقئارا مۇناسىۋەتنى پىلانلاۋاتقان ئامېرىكا سىياسىئونلىرى ئەسلى مانا مۇشۇ نۇقتىنى كۆرۈپ يەتكەن ئىدى. 1972- يىلى 2- ئايدا زۇڭتۇڭ نىكسون جۇڭگودا زىيارەتتە بولغاندا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن ئىدى: بىزنىڭ بىر يەرگە جەم بولالىشىمىزغا ئەسلىدە بىزنىڭ بۇ ئىختىلاپلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغان ئورتاق مەنپەئەتىمىزنىڭ بولغانلىقى سەۋەبچى بولغان.

  نورمال بولغان ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى ھەرگىزمۇ «سىز ئۇتتۇرسىڭىز مەن يېڭىمەن.» دەيدىغان ئۇنداق نۆل يىغىندىلىق شاھمات ئويۇنى بولماستىن، ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۇ ئەسلىدە ئادىل بولغان سودا ئاساسىدىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش مۇناسىۋىتى ئاساسىغا قۇرۇلغان بولىدۇ. خەلقئارا ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ سېلىشتۇرما ئۈستۈنلۈك نەزەرىيىسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىر دۆلەتنىڭ سودا تاپاۋىتى باشقا بىر دۆلەتنىڭ قولدىن كېتىشىنى شەرت قىلمايدۇ، سودىدىكى تەرەپلەر سودىدىن پايدا ئالسا بولىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقى سەۋىيىسىنى تۆۋەنلىتىپ، ئامېرىكىغا نۇرغۇن ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ. ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئامېرىكا كارخانىلىرىغا چەكسىز سودا پۇرسىتى ۋە پايدا يارىتىپ بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  نۆۋەتتە، يېڭى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى دۇنيا ئىقتىسادىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى. ئەمما خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، جۇڭگو 2020- يىلى مۇسبەت ئېشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان بىردىنبىر ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ قالىدىكەن. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىدىيەسى يۇقۇم قايتا قوزغالغاندىن كېيىنكى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىغا پايدىلىق بولۇپ، يەنىلا ئىككى دۆلەت خەلقى ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاقىلانە تەدبىر ھېسابلىنىدۇ. يېقىندا، ئامېرىكا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ۋە 40 نەچچە ساھە جەمئىيىتى مۇنۇلارنى مۇراجىئەت قىلدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ سودىنى كېڭەيتىشى دۇنيا كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇم ئەھۋالى ئاستىدىكى دۇنيا ئىقتىسادىنى يەنىمۇ جانلاندۇرۇپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ئۆزىنىڭ پايدىلىق تەسىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ