مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

2020.08.21 17:29 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  باش شۇجى شى جىنپىڭ كارخانىچىلار سۆھبەت يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، «كارخانىچىلار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش»نى تەكىتلىدى ھەمدە بەش تۈرلۈك ئۈمىدنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى كارخانىچىلار روھىنىڭ دەۋر مەزمۇنىنى بېيىتىپ ۋە كېڭەيتىپ، يېڭى ۋەزىيەتتە كارخانىچىلار روھىنى جارى قىلدۇرۇشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى، يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلمىي يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.

  ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى چوڭقۇر تۇرغۇزۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «كارخانا تىجارىتىنىڭ دۆلەت چېگراسى يوق، كارخانىچىلارنىڭ ۋەتىنى بار». دۆلەت كارخانىلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن دۆلەت ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، دۆلەتنىڭ غېمىنى يېيىشى، دۆلەت كارخانىلىرىدىكى كارخانىچىلار پارتىيەگە سادىق بولۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى، ئاڭلىق ھالدا سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن بىللە يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشى؛ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، كارخانىلارنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كارخانىلارنى تىرىشىپ ياخشى باشقۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ». كارخانا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ سۇبيېكتى، كارخانىچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتى كارخانىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى. نۆۋەتتە، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يەنىلا يەر شارىدا يامراپ، دۇنيا ئىقتىسادىغا بولغان زەربىسى يەنىلا ئېشىۋاتىدۇ. خەتەر ئىچىدە پۇرسەت بار، يېڭىلىق ياراتقۇچىلار غەلىبە قىلىدۇ. كىرىزىس ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتا، تەپەككۇردا يېڭىلىق يارىتىپ، پائال نەتىجە يارىتىشقا توغرا كېلىدۇ.

  سەمىمىي، قانۇنغا رىئايە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭى، توختام روھى، توختامغا رىئايە قىلىش قارىشى − زامانىۋى ئىقتىسادىي پائالىيەتنىڭ مۇھىم ئاڭ ئۆلچىمى، شۇنداقلا ئىناۋەت ئىگىلىكى، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ئىقتىسادنىڭ مۇھىم تەلىپىدۇر. تىجارەتتە قىيىنچىلىققا يولۇققانسېرى، كارخانىچىلار شۇنچە بەك سەمىمىي بولۇشى، قانۇنغا رىئايە قىلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، ياخشى بازار مۇھىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاسرىشى، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ تەستە قولغا كەلگەن مۇقىم ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى قەدىرلىشى كېرەك.

  ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى پائال ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «كارخانىنىڭ ھەم ئىقتىسادىي مەسئۇلىيىتى، قانۇنىي مەسئۇلىيىتى بار، ھەم ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى، ئەخلاق مەسئۇلىيىتى بار». جەمئىيەتكە سەمىمىي جاۋاب قايتۇرىدىغان، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىدىغان كارخانىچىلارلا جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ھەقىقىي ئېرىشەلەيدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىچى بولالايدۇ.

  خەلقئارا نەزەر دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «قانچىلىك نەزەر دائىرە بولسا، شۇنچىلىك كەڭ قورساقلىق بولىدۇ». كارخانىچىلار نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشى، كەڭ قورساق بولۇشى كېرەك. كارخانىچىلار مەۋقەنى جۇڭگوغا قويۇپ دۇنياغا نەزەر سېلىپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى دۇنياۋى نەزەر ۋە كۆكسى-قارنى بىلەن پىلانلاپ، كارخانىلارنى دۇنيا ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ دېڭىزدا «سۇ ئۈزۈش»كە يېتەكلىگەندە، ئاندىن خەلقئارا قائىدىنى ئىگىلەش ئىقتىدارىنى، خەلقئارا بازار ئېچىش ئىقتىدارىنى، خەلقئارا بازار خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش جەريانىدا تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ