مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشنى ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتا قىلىش كېرەك

---يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك

2020.08.21 17:24 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئارقىلىق دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارالىق قوش ئايلىنىشنىڭ ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن دۇنيانى جۇڭگونىڭ زور ئىچكى ئېھتىياج پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلىش لازىم. شۇ ئارقىلىق، «جۇڭگو ياخشى بولسا، دۇنيا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.» دېگەننى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  نۆۋەتتە، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەر «دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارالىق قوش ئايلىنىش بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى»گە قانداق يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشكىمۇ زور ئۈمىد باغلىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدا «ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتىنى پۇختا ئىگىلەش» تەكىتلەندى، شۇ ئارقىلىق، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى.

  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش جەريانىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى گەرچە ئەسلىگە كېلىش باسقۇچىغا كىرسىمۇ، ئېھتىياجنىڭ ئەسلىگە كېلىش سۈرئىتى تەمىناتنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدىن ئاستا بولۇشتەك ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىشى مۇمكىن، بۇ پۇل ئامانەت ئوشۇقچىلىقى تۈپەيلىدىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان دۇنيا ئىقتىسادىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەكتىن باشقا پەرقى يوق. بۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، چوڭ تىپتىكى ئىقتىسادىي گەۋدىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇنىڭدا ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە سىجىل ئېشىشىغا تىرەك بولۇشقا توغرا كېلىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن تونۇپ يېتىشىمىز كېرەككى، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش دېگەنلىك ھەرگىزمۇ يېپىق ھالەتتە ھەرىكەت قىلىش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى قوش ئايلىنىشنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇش نۇقتىسىدىن ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشكە قاراش دېگەنلىكتۇر. بۇ ئەمەلىيەتتە ئېچىۋېتىشكە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويغانلىقتۇر. بىز چوقۇم دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش ئارقىلىق دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارالىق قوش ئايلىنىشقا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇپ، ئىچكى ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش ئارقىلىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانى جۇڭگونىڭ غايەت زور ئىچكى ئېھتىياج پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلىپ، شۇ ئارقىلىق، «جۇڭگو ياخشى بولسا، دۇنيا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ» دېگەننى ئىشقا ئاشۇرشىمىز كېرەك.

  دۆلىتىمىز ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىگە ئىگە. ئېلىمىز نوپۇسنىڭ ئومۇمىي سانى جەھەتتە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. يەنە كېلىپ، ئېلىمىزدە ھازىر دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر توپى شەكىللەندى ۋە ئۇنداق كىشىلەرنىڭ ئومۇمىي ئادەم سانى 400 مىليوندىن ئاشتى. بۇ بولسا، ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسىدۇر. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ئۈچۈن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىسىدە نامرات ئاھالىلەر زور دەرىجىدە ئازايدى، نامراتلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلىقى تۈپەيلىدىن ئىستېمال نىسبىتىنىڭ تىزگىنلىپ قېلىشى ئەمدى ئۈنۈملۈك پەسەيتىلدى. بۇمۇ ھەم جۇڭگونىڭ بازار يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىشقا، ھەمدە جۇڭگو بازىرىنىڭ بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق. ئەگەر نامراتلارنى يۆلەش بولسا، ئىككىنچى قېتىملىق تەقسىمات قاتلىمىدىكى مۇھىم سىياسەت-تەدبىردۇر، دېيىلسە، ئۇنداقتا تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان رەقەملىك ئىقتىساد بولسا، دەسلەپكى تەقسىمات قاتلىمىدىن ئەمگەكچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ئىستېمالنىڭ ئېشىشىغا پايدىلىق ياراتقانلىقتۇر، دېيىشكە بولىدۇ. جۇڭگونىڭ رەقەملىك ئىقتىساد تەدبىرى بولسا، ئەمگەككە دوستانە مۇئامىلە قىلىشتەك ناھايىتى كۈچلۈك ئالاھىدىلىككە ئىگە. مەسىلەن، سىرتقا تاماق سېتىش ۋە تېز يەتكۈزۈش دېگەندەك رەقەملىك ئىقتىسادتا، ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلارنىڭ كىرىم سەۋىيەسى ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولماقتا. جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان دوكلاتىدىمۇ كۆرسىتىلىشىچە، ئالاقە تورىنى ئىشلىتىشنىڭ ئوتتۇرا-تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدا كۆرسەتكەن ياردىمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، بۇ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۈنۈملۈك ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ