مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۆمۈر يول ساھەسىدە زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت بولۇشقا قەدەم قويايلى

2020.08.24 17:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۆمۈر يول ساھەسىدە زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش بولسا، بۇ گۈزەل ھالدا سەپەرگە چىقىشنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىردۇر. ئۇ ھەم شۇنداقلا يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم تىرەك، ھەمدە تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچتۇر. يېڭى دەۋردىكى قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش نىشانىغا قەدەم قويغاندا، تۆمۈريول ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ تېخىمۇ ئاشىدۇ.

  يەنە 15 يىلدىن كېيىن، جۇڭگو تۆمۈر يولىنىڭ قىياپىتى قانداق بولىدۇ؟

  ئۇ چاغدا، 200 مىڭ كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى پولات-تۆمۈر ئەجدىھاسى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ، شىمالدا چاڭبەيشەندىكى تاغلار ۋە خېيلۇڭجياڭدىكى دەريالارغا تولۇق ئۇلىشىدۇ، جەنۇبتا كوكۇسزارلىقتىكى چيۇڭداۋ ئارىلى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە تۇتىشىدۇ، غەربتە چۆللۈكلەردىن، شەرقتە كۆپكۆك دولقۇنلارغا ئۇلىنىپ، 200 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسى بار شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئالدىراش بولغان تۆمۈريول تىرانسپورت تورىنى بەرپا قىلىنىدۇ.

  ئۇ چاغدا، دۇنيادا 70 مىڭ كىلومېتىرلىق ئۇزۇنلۇقتىكى ۋە ئەڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تورى بەرپا قىلىنىپ، قوشنا شەھەرلەر توپى ۋە ئۆلكە مەركەزلىرىگە ئۈچ سائەتتە يېتىپ بېرىشقا بولۇش، شەھەرلەر توپى ئىچىدە بولسا، ئاساسلىق شەھەرلەرگە ئىككى سائەتتە يېتىپ بېرىشقا بولۇش، مەركىزىي شەھەرلەر چەمبىرىكى ئىچىدە بولسا، بىر سائەتتىلا يېتىپ بېرىپ شۇ جايلارغا ئىشقا بارالايدىغان بولۇشتەك نىشانغا يېتىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول سەپەر چەمبىرىكى بەرپا قىلىنىدۇ.

  ئۇ چاغدا، 30 مىڭ توننىلىق ئېغىر يۈكلۈك پويىزلارنىڭ «كۆپ قاچىلاپ تېز قاتناش» نىشانى ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، سائىتىگە 400 كىلومېتىرلىق يۇقىرى سۈرئەتتە پويىز قاتنىيالايدىغان تۆمۈر يوللار داۋاملىق يېتەكلەندۈرۈلىدۇ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ۋوگزاللار ۋە بېكەتلەر يولۇچىلارنى ئىندۇكسىيىلىك بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېتەكلەش ۋە توسالغۇسىز سەپەرگە چىقىش بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  يېقىندا ئېلان قىلىنغان «يېڭى دەۋردىكى قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى تۆمۈر يولىنى ئالدىن پىلانلاش پروگراممىسى»دا، ئادەتتىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئارزۇسىنى زامانىۋىلاشقان تۆمۈر يول كۈچلۈك دۆلىتى قىلىپ قۇرۇش شانلىق پىلانىغا مۇجەسسەملىدى. يېڭى پىلانغا ئاساسلانغاندا، 2035- يىلىغا بارغاندا، ئېلىمىزدە دۆلىتىمىزنى مۇلازىمەت بىخەتەرلىكى ئەلا سۈپەتلىك بولغان، كاپالىتى كۈچلۈك ۋە ئەمەلىي كۈچى خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان زامانىۋىلاشقان تۆمۈر يول كۈچلۈك دۆلىتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئالدى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن، بىز ئالدى بىلەن زامانىۋى تۆمۈر يول تورىنى قۇرۇپ چىقىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۆمۈر يول تورىنى 200 مىڭ كىلومېتىرغىچە كېڭەيتىمىز. بۇنىڭ ئىچىدە، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يوللار 70 مىڭ كىلومېتىرچە كېڭەيتىلىدۇ، نەتىجىدە، 200 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسى بار شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى تۆمۈر يوللار بىلەن قاپلىنىدۇ، 500 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسى بار شەھەرلەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريوللار بىلەن تۇتاشتۇرۇلىدۇ.

  زامانىۋىلاشقان تۆمۈر يول كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش بولسا، گۈزەل سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىردۇر. 2008- يىلى جۇڭگونىڭ تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى -- بېيجىڭ-تيەنجىن شەھەرلەر ئارا تۆمۈر يولى ئېچىلغاندا، يولۇچىلارنىڭ خۇددى شامالغا ئوخشاش «يەرگە چاپلىشىپ ئۇچۇش»ىنى شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، كىشىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىشتىكى گۈزەل ئارزۇسى ھەر ۋاقىت تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ. بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم سەۋىيىسىنىڭ ئۆسىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر تېخىمۇ زىچ ۋە تېخىمۇ بىخەتەر بولغان زامانىۋى تۆمۈر يول تورىنىڭ توقۇلۇشىنى، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ۋە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتكە ئىگە تۆمۈريول مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىشىنى، ھەمدە سەپەرگە چىقىشتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەختلىك تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشنى ئارزۇ قىلماقتا.

  زامانىۋىلاشقان تۆمۈر يول كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشمۇ يېڭىلىق يارىتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم تىرىكىدۇر. تۆمۈريولغا مەبلەغ سېلىش سوممىسى كۆپ، كەسىپ زەنجىرى ئۇزۇن، دائىرىسى كەڭ، يېتەكلەشچانلىقى كۈچلۈك بولغاچقا، ئۇ «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش» ۋە «ئالتىنى كاپالەتلەندۈرۈش»تا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچتۇر. 2009- يىللىق سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، تۆمۈر يول قۇرۇلۇشىغا ھەر 100 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغانچە، 1 مىليون ئىش ئورنى يارىتىلىپ، 3 مىليون توننىدىن ئارتۇق پولات ماتېرىيال ۋە 20 مىليون توننا سېمونتنىڭ ئىشلىتىش ئورنى چىقىدۇ، ھەمدە 0.25 پىرسەنتلىك ئىقتىسادىي تۈرتكە بولۇش ئېففېكتىنى بىۋاستە ھاسىل قىلىدۇ. يېڭى بىر ئەۋلاد ئەقلىي ئىقتىدارلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يوللارنىڭ ئېچىلىشى يېڭى ماتېرىيال، چوڭ سانلىق مەلۇمات ۋە سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەرنىڭ ئېچىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، ھەمدە ئۇ ماشىنىسازلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئۇچۇر، كومپيۇتېر، نازۇك ئەسۋاب قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تىرىليون يۈەنلىك چوڭ بازارلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ۋە «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى»نىڭ «جۇڭگو ئىجادىيىتى»گە ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ