مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق تورى ئوبزورى: «مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش» شەمشىرىنى قالايمىقان ئوينىتىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك

2020.08.24 18:06 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ھۆكۈمەت خادىملىرى خىزمەت ۋاقتىدا دوستلار چەمبىرىكىگە مەزمۇن چىقارغانلىقتىن، يۈرەك بەرگەن ۋە باھا سۆزى يازغانلار بىلەن بىللە ئاگاھلاندۇرۇلدى؛ يۇيۇنۇش سەۋەبلىك تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ سۆھبەتلىشىش تېلېفونىنى كېچىكىپ ئالغانلىقتىن، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى؛ ئوقۇتقۇچىلار تەتىلدە ئۆزى پۇل چىقىرىپ يىغىلىش ئۆتكۈزگەنلىكتىن، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىد قىلىندى...

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىنتىزام تەكشۈرۈشنى ئاددىيلاشتۇرۇش، مەسئۇلىيەتنى زىيادە سۈرۈشتۈرۈش، ھەتتا مەسئۇلىيەتنى قالايمىقان سۈرۈشتۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى خاتا سۈرۈشتۈرۈش، خاتا مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ھادىسىلىرى باش كۆتۈرۈپ چىقتى، گەرچە ئىشتىن كېيىن ئالاقىدار بىر تەرەپ قىلىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن بەزى ناچار تەسىرلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش − پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئەمەلىي تەلىپى، شۇنداقلا پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ رېئال ئېھتىياجى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ «تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇشتىكى مەقسىتى − ھوقۇق بىلەن مەجبۇرىيەت، مەسئۇلىيەت بىلەن ئۈستىگە ئېلىشنى بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت. ئەمما، رېئاللىقتا «ياخشى دەستۇر بۇرمىلىنىپ»، ئاز ساندىكى جايلار ۋە تارماقلار يىللىق مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش نىشانىنى ئورۇنداش ئۈچۈن، سان تولدۇرۇش شەكلىدە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئومۇملاشتۇرۇپ كېڭەيتىۋەتتى؛ بەزىلەر جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى يولغا قويۇش جەريانىدا ئېغىرىدىن قېچىپ، يېنىكىگە يۈرۈش قىلدى، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشتە «ئادەمگە قاراپ ئىش كۆرۈپ»، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىدىكى كىچىك خاتالىق، كىچىك مەسىلىلەرنى تۇتۇۋېلىپ «ئوپېراتسىيە» قىلدى؛ بەزى جايلاردا خىزمەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۇسۇلى بىرلا خىل، ئۇسۇلى ئاددىي، قوپال بولۇپ، چوك-كىچىكنى ئايرىماي، كونكېرت ئىشقا قارىماي، «ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ» مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈردى... بۇ ھادىسىلەر مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنىڭ دەسلەپكى ئارزۇسىدىن چەتنەپ كېتىپلا قالماي، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى قايمۇقۇپ، قانداق قىلىشنى بىلەلمەي قالدى.

  مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئاددىيلاشتۇرۇش مەسىلىسى كۆرۈنۈشتە خىزمەت ئۇسۇلى مەسىلىسىدەك كۆرۈنسىمۇ، بۇنىڭ مەنبەسى شەكىلۋازلىق، بىيوروكراتلىق بولۇپ، كادىرلارنىڭ ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش ئاكتىپلىقى، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنىڭ نوپۇزى ۋە كەسكىنلىكىگە يەتكۈزىدىغان زىيىنى غايەت زور بولىدۇ. مەسئۇلىيەتنى نامۇۋاپىق سۈرۈشتۈرۈش ئاساسىي قاتلامغا ئېلىپ كەلگەن قىيىنچىلىققا نىسبەتەن، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار «نېمە ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرىمىز»، «نېمە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرىمىز»، «مەسئۇلىيەتنى قانداق سۈرۈشتۈرىمىز» دېگەندىن ئىبارەت بۇ ئۈچ جەھەتتىكى مەسىلىنى ئەستايىدىل ئويلىنىشى كېرەك.

  پاكىتنى ئۆلچەم، قانۇننى ئاساس قىلىش، قاتتىق بەلگىلىمە، ئىنتىزام بويىچە تەرتىپ، تەلەپنى چىڭىتىپ، سىياسەتنى قاتتىق ئىگىلەش لازىم، بۇ مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش تېمىسىدا بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن، شۇنداقلا «مەسئۇلىيەتنى قانداق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك» دېگەن سوئالغا جاۋاب بەرگەندە چوقۇم قايتا تەكىتلەشكە تېگىشلىك تەلەپ. مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتى توغرىسىدا، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامىدا ئالتە پىرىنسىپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرىنچىسى «بەلگىلىمە، ئىنتىزام بويىچە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش»؛ مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەكشۈرۈش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش قارارى، ئىجرا قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامىدا «پاكىت ئېنىق، دەلىل-ئىسپات تولۇق، ئاساس تولۇق، مەسئۇلىيەت ئېنىق، تەرتىپ بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن، بىر تەرەپ قىلىش مۇۋاپىق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەكلىكى» ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇ ئېنىق تەلەپلەرنى قانۇن ئىجرا قىلىش جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ھەربىر قېتىملىق مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش ئەمەلىيىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش سىياسىيلىقى، سىياسەتچانلىقى كۈچلۈك خىزمەت، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پىرىنسىپى بويىچە، تەرتىپ بويىچە ئىش قىلغاندا، ئاندىن چىن كۆڭلىدىن قايىل قىلغىلى، پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتكىلى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ