مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئۇرغۇتۇپ، كۈرەش قىلىش ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەيلى

__ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

2020.05.22 15:12 مەنبە: خەلق تورى

  باش ياز ئوت-چۆپ، دەل-دەرەخلەر ئۆسىدىغان، ھاۋا ئوچۇق ۋە ئىللىق ياخشى مەزگىل. بۈگۈن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى ھەممىنىڭ نەزىرىدە ئېچىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3000گە يېقىن ۋەكىلى مۇھىم تاپشۇرۇقنى زىممىسىگە ئېلىپ بېيجىڭغا يىغىلىپ، دۆلەت ئىشلىرىنى ئورتاق كېڭىشىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش تەدبىرلىرىنى پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاشقا قەلب ۋە كۈچ مۇجەسسەملىدى. بىز يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز.

  ئۆتكەن بىر يىلدا، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى نۇرغۇن قىيىنچىلىق، خىرىسقا دۇچ كېلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، پۈتۈن يىللىق ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلەرنى تاماملاپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك ئاساس سالدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنى ئەڭ مۇھىم چوڭ ئىش سۈپىتىدە تۇتۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى قوماندانلىق قىلىپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خەلق ئۇرۇشى، ئومۇمىي جېڭى، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا يېتەكلىدى. جاپالىق، مىسلىسىز تىرىشچانلىق ئارقىلىق ۋۇخەننى قوغداش جېڭى، خۇبېينى قوغداش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا پائال نەتىجە-ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى.

  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە دائىمىي كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارغا پائال ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەتچىلىك، ۋەكىللەر خىزمىتى، تاشقى ئالاقە، ئۆز قۇرۇلۇشى قاتارلىقلاردا يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى نەتىجە - ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈردى. بولۇپمۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن بويىچە ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ، «قانۇنسىز ياۋايى ھايۋانلار سودىسىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش، ياۋايى ھايۋانلارنى خالىغانچە يېيىشتەك ناچار ئادەتنى تۈگىتىش، ھەقىقىي تۈردە خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى قارار»نى ۋاقتىدا تۈزۈپ، ئاممىۋى سەھىيە قانۇنچىللىق كاپالىتى سىستېمىسىنىڭ قانۇن چىقىرىش، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى يولغا قويۇشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قانۇن مەدىتى بىلەن تەمىنلەپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ۋە يەرلىكتىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ھەرقايسى سەپلەردە، ئۆزلىرىنىڭ ئىش ئورنىدا پائال تۆھپە قوشۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق خەلققە ۋەكىل بولۇش، خەلقنى كۆزلەش، خەلققە مۇلازىمەت قىلىشتەك شەرەپلىك بۇرچنى ئەمەلدە كۆرسەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ