مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگونىڭ ياردىمى دەل جاپادا بىللە بولۇشنىڭ شاھىدى

-- جۇڭگونىڭ پۈتۈن دۇنيا بىلەن قول تۇتۇشۇپ يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشى جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچان ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى

2020.05.12 18:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەنزۇچە پىنيىن بىلەن يېزىلغان «جۇڭگو، رەھمەت سىزگە، مەن سىنى سۆيىمەن!» دېگەن خەتلەر؛ «جۇڭگولۇقلار ھەقىقىي دوستلار ئىكەن!» دەپ ياش تۆكۈشلەر؛ «پىدائىيلار كۈيى»نىڭ ھەر ياندىن ياڭراشلىرى ۋە بۇنىڭغا مەھەللىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جەلپ قىلىنىشى. مانا بۇنىڭ بىلەن، ھەيۋەتلىك بىر ئوپچە خور ھاسىل بولدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈز بەرگەندىن بۇيان، جۇڭگونىڭ خەتەرلىك پەيتتىكى سەمىمىي ياردىمى چەت ئەل خەلقىنى تەسىرلەندۈردى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر نامايان قىلىندى. بۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنىڭ ئەكس شولىسىدۇر. ئۇ شولا يەر شارى بويىچە قول تۇتۇشۇپ يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشتىكى قەتئىي ئېتىقادنى ئۇرغۇتتى.

  يۇقۇمنىڭ دۆلەت چېگرىسى بولمايدۇ، ئەمما كىشىلەر ئارىسىدا ھەقىقىي ھېسسىيات بولىدۇ. «جۇڭگو تەرەپ ھەمىشە "ئىنسانىيەت بولسا، تەقدىرداش ئورتاق بىر گەۋدىدۇر." دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىشقا پايدىلىق ئۇسۇللاردىن ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، دورا ۋە ۋاكسىنانى بىرلەشتۇرۇپ تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى قانات يايدۇرىدۇ، ھەمدە يۇقۇم كېڭىيىپ كىتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن دۆلەتلەرگە كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى بولسا، ئۇ بىر سەمىمىي خىتاب، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇ بىر كۈچلۈك ھەرىكەت چاقىرىقىدۇر. يەر شارى بويىچە يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزگىلىدە، «جۇڭگو پوسۇلكىلىرى» تېز سۈرئەتتە ئەۋەتىلدى، «جۇڭگو مۇتەخەسسىسلىرى» ئارقا-ئارقىدىن جەڭگە ئاتلاندى ۋە «جۇڭگو تەجرىبىسى» ئەينەن ئۆگىتىلدى. يۇقۇملۇق كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشتا جۇڭگونىڭ سىرتقا ياردەم بېرىشى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان جۇڭگونىڭ سىرتقا ياردەم بېرىش ۋاقتى ئەڭ مەركەزلەشكەن ۋە چېتىلىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولغان بىر قېتىملىق ئىنسانپەرۋەرلىك جىددىي ھەرىكىتى بولدى.

  جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىنى جۇڭگو خەلقى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ. جياڭسۇ ۋۇشى شىنۋۇ رايونى ئەينى ۋاقىتتا دوستانە شەھەر -- ياپونىيە فېڭچۈەن شەھىرى ئىئانە قىلغان 4500 ماسكىنى تاپشۇرۇپ ئالغان ئىدى، كېيىن ئۇ دوستانە شەھەرنىڭ ئۆزىنىڭمۇ ماددىي ئەشيالار جەھەتتىن جىددىي ئەھۋالدا قالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، جياڭسۇ ۋۇشى شىنۋۇ رايونىمۇ دەرھال 50 مىڭ ماسكا ئىئانە قىلىشنى تەشكىللىدى؛ ئىتالىيە ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگوغا 40 مىڭ ماسكا سوۋغا قىلغان ئىدى، كېيىن جۇڭگومۇ نەچچە مىليون ماسكىنى ئۇلارغا قايتا سوۋغا قىلدى؛ رۇسىيە ئىلگىرى 2 مىليون ماسكا ماڭدۇرغان ئىدى، شۇنىڭدىن كېيىن رۇسىيەمۇ تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق جۇڭگودىن بارغان 150 مىليون ماسكىنى تاپشۇرۇۋالدى؛ ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى ھەر ساھە زاتلىرىمۇ جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشى ئۈچۈن ئارقا-ئارقىدىن ياردەم قولىنى سۇندى، ھازىر جۇڭگو ئامېرىكىنى 6 مىليارد 600 مىليوندىن ئارتۇق ماسكا بىلەن تەمىنلىدى. ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو 150 نەچچە دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنى جىددىي ئېھتىياجلىق داۋالاش ماددىي ئەشيالىرى ياردىمى بىلەن تەمىنلىدى ياكى تەمىنلىمەكتە، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا سودا سېتىۋېلىشىغا پائال قولايلىق يارىتىپ بەردى. بۇ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مىڭ يىللىق ئېسىل ئەنئەنىسى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ قان تومۇرىدا ئېقىۋاتقان ئەخلاق گېنىدۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ