مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ھەل قىلغۇچ مۇۋەپپەقىيىتى، دۇنياۋى ئەھمىيىتى

— باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

2020.03.12 17:14 مەنبە: خەلق تورى

  بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسى تاماملانغاندىن كېيىن، ئېلىمىزدە 100 مىليون ئەتراپىدا نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلىدۇ، ب د ت نىڭ 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىدىكى نامراتلارنى ئازايتىش نىشانى مۇددەتتىن 10 يىل بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، دۇنيادا بۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇنداق كۆپ ئادەمنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرەلەيدىغان دۆلەت يوق، بۇ، جۇڭگو ۋە دۇنياغا نىسبەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېلىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قولغا كەلتۈرگەن ھەل قىلغۇچ نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنىڭ ئىنتايىن جاپالىق ئاخىرقى يىلى يەنە يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى، تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر، تەلەپنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بىزنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى، ئىنسانىيەتكە نىسبەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ ئۇلۇغ ئىشنى قەتئىي ئورۇنداشقا چاقىردى!

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقنى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن 2020-يىلىغا بارغاندا دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى بويىچە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، نامرات ناھىيەلەرنىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاش، رايون خاراكتېرلىك ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقنى ھەل قىلىش نىشان-ۋەزىپىسىدە چىڭ تۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقى زور، كۆلىمى كەڭ، تەسىرى مىسلىسىز زور بولۇپ، ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بىز جۇڭگوچە نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش يولىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك مېڭىپ، جۇڭگوچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش تۈزۈم سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى «ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھېكايىسى»نى يازدۇق.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ