جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى بىر پۇختا، مۇكەممەل بولغان ئىلمىي تۈزۈم سىستېمىسى بولۇپ، روشەن جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە، كۆرۈنەرلىك تۈزۈم ئەۋزەللىكىگە ئىگە. پەقەت ھەم ياخشى چىڭ تۇرۇپ ۋە مۇستەھكەملەپ، ھەم ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرغاندىلا، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىن ئەتكىلى بولىدۇ.
پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارار»ى دىققەتنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە تىرەك بولۇۋاتقان تۈپ تۈزۈم، ئاساسىي تۈزۈم، مۇھىم تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك تۈزۈملەر جەزمەن چىڭ تۇرىدىغان تۈپ نۇقتىنى، مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش يۆنىلىشىنى بېكىتتى ھەم خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسى قىلدى. بۇ، ماركسىزملىق پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەش، پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى نەزەردە تۇتۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنى نەزەردە تۇتۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى نەزەردە تۇتۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىستېمىلىق، توپلاشقان، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كۈچلۈك مەسىلە يۆنىلىشى ۋە روشەن ئەمەلىيەت خاسلىقىنى ئىپادىلەپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تۈزۈم ئىشەنچىنى نامايان قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ