مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەركەزنىڭ نوپۇزىغا خىرىس قىلىشقا بولمايدۇ

2019.07.22 16:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  7-ئاينىڭ 21-كۈنى، شياڭگاڭدىكى بىر قىسىم رادىكال نامايىشچىلار مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسىنى قورشىۋېلىپ، ئەسلىھەلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، دۆلەت گېربىنى بۇلغىدى، دۆلەت ۋە مىللەتكە ھاقارەت قىلىدىغان سۆز-ئىبارىلەرنى ياغدۇردى. بۇ خىل قىلمىش شياڭگاڭنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىشىنى دەپسەندە قىلىپلا قالماي، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ نوپۇزىغا ئاشكارا جەڭ ئېلان قىلىپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» پىرىنسىپىنىڭ تۆۋەن چېكىگە چېقىلدى، خاراكتېرى ئېغىر، تەسىرى يامان بولدى، بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويۇشقا بولمايدۇ.

  يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، بىر قاتار زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، شياڭگاڭ جەمئىيىتىنى خاتىرجەم قىلمىدى. بەزى رادىكال ئۇنسۇرلار نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە قارشى تۇرۇش نامى بىلەن قانۇن كېڭىشى بىناسىغا ھۇجۇم قىلىپ، جامائەت ئەسلىھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ساقچىلارنى ئۇرۇپ، پارتلاتقۇچ بۇيۇم ئىشلەتتى، بۇ زوراۋانلىق قىلمىشلىرى شياڭگاڭنىڭ جەمئىيەت تەرتىپىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇپ، شياڭگاڭنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىشىنى دەپسەندە قىلدى. بۇ قېتىم مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسىغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىش ئاللىقاچان تىنچ يول بىلەن كۈچ كۆرسىتىش دائىرىسىدىن پۈتۈنلەي ھالقىپ كەتتى، زوراۋانلىق خاراكتېرى يەنە ئۆستى. مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدا تۇرۇشلۇق ئالاقە ئىشخانىسى مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى ۋاكالەت ئاپپاراتى بولۇپ، ئاساسىي قانۇن، شياڭگاڭنىڭ نېگىزلىك قانۇنى ۋە مەركەزنىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن شياڭگاڭدا مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ، خىرىس قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ رادىكاللارنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشى نېگىزلىك قانۇن ۋە شياڭگاڭنىڭ يەرلىك قانۇنىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپ.

  شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن بۇيان، مەركەز «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش» يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىدا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇن بويىچە ئىش قىلغان بولۇپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» ۋە نېگىزلىك قانۇننىڭ قوغدىغۇچىسى، شۇنداقلا شياڭگاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىنىڭ قوللىغۇچىسى، شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتىنىڭ قوغدىغۇچىسى. 22 يىلدىن بۇيان، دۆلەت باشتىن-ئاخىر شياڭگاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچلۈك ئارقا تىرەك بولۇپ كەلدى. شياڭگاڭنىڭ تەرەققىياتىمۇ ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن زىچ باغلانغان. «شياڭگاڭ ياخشى بولسا، دۆلەت ياخشى بولىدۇ. دۆلەت ياخشى بولسا، شياڭگاڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ» دېگەن بۇ سۆز شياڭگاڭ بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئايرىلماس مۇناسىۋەتنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. مەركەزنىڭ نوپۇزىنى ياخشى قوغدىغاندىلا، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش» نىڭ شياڭگاڭدىكى ئەمەلىيىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ۋە ئاھالىلەرنىڭ بەخت-سائادىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

  زوراۋانلىق قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئەمدى ھېچقانداق سەۋەب تاپقىلى بولمايدۇ! مەدەنىي، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان بىر جەمئىيەتتە، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا، تەلىپىنى تىنچ، ئاقىلانە ئىپادىلەش − ئاساسىي تەلەپتۇر. زوراۋانلىق قىلىشقا ھېچقانداق باھانە يوق، قانۇن ئىدارە قىلىشنىڭ تۆۋەن چېكىگە دەخلى-تەرۇز قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. زوراۋانلىق بىلەن مۇرەسسە قىلىش، ئۇنى ئاقلاش، پەردازلاش ۋە ئۇنىڭغا يول قويۇش پەقەتلا ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ شياڭگاڭنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىشىنى خالىغانچە دەپسەندە قىلىشىغا يول قويۇلسا، شياڭگاڭنىڭ ئەۋزەللىكى، شياڭگاڭنىڭ رىقابەت كۈچى زىيانغا ئۇچرايدۇ. كەڭ شياڭگاڭ ئاھالىلىرى ئىنتايىن ئاز ساندىكى رادىكاللارنىڭ زوراۋانلىقىنىڭ خەۋپى ۋە ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇشى، «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش»نى قەتئىي قوغداپ، شياڭگاڭنىڭ قانۇن ۋە تەرتىپىنى قەتئىي قوغداپ، 7 مىليون كىشىنىڭ گۈزەل ماكانىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ