باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچنى ئۇرغۇتايلى

‐‐‐ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھەققىدە

2018.11.05 14:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۈچنى ساقلاپ، ئىشەنچنى كۈچەيتىشىمىز، زېھنىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىشىمىز — بىزنىڭ تۈرلۈك خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىمىزدىكى ئاچقۇچتۇر.

  «قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كەلگەندە، بىز پايدىلىق شارائىتلارنى كۆرۈپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى ئۇرغۇتۇشىمىز لازىم.» يېقىندا ئېچىلغان پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا نەزەر سېلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى پايدىلىق شارائىتلارنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، كەڭ پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تىجارەت تەرەققىياتىنى ياخشى قىلىشقا بولغان ئىشەنچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىپ، كەڭ كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولغان ئىشەنچىسى ۋە غەيرىتىنى قوزغىدى.

  ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش — نۆۋەتتە ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈش ئالاھىدىلىكى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.7 ئاشتى، شەھەر-بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقان ئادەم سانى 11 مىليوندىن ئاشتى، مۇلازىمەت كەسپى قوشۇلما قىممىتىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى %60.8 يەتتى، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى %78كە يەتتى، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر مۇۋاپىق دائىرىدە بولۇۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى مۇقىمسىز ئامىللار كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، تۆۋەنلەش بېسىمى زورىيىپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت قىيىنچىلىقى كۆپەيمەكتە. شۇنى كۆرۈش كېرەككى، نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى — ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە قىسقا مۇددەتلىك، ئىچكى ۋە تاشقى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئورتاق تەسىرىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسى ئالغا ئىلگىرىلەش داۋامىدىكى مەسىلىلەردۇر. پۇقراۋى كارخانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىشىمىز لازىم.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر