باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى: زامانىمىز ياشلىرى دەۋر باش تېمىسى بىلەن بىر نىيەت بىر يۆنىلىشتە بولۇشى كېرەك

ـ«قىزغىن كۈرەش قىلىش داۋامىدا ياشلىق نۇرىنى جۇلالاندۇرۇش» توغرىسىدا

2017.05.05 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ئارزۇسى، ياشلىق ئارزۇسى

  «ھازىر، جۇڭگودىكى ئەڭ يارقىن دەۋر باش تېمىسى- «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش. 4- ماي ياشلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو سىياسىي- قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىغا خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈشكە كېلىپ، زامانىمىز ياشلىرىنى بۇ دەۋر باش تېمىسى بىلەن بىر نىيەت، بىر يۆنىلىشتە بولۇپ، غايە- ئېتىقادىنى تۇرغۇزۇپ، دەۋر يۈكلىگەن تارىخىي ۋەزىپىنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، قىزغىن كۈرەش قىلىش داۋامىدا ياشلىق نۇرىنى جۇلالاندۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياشلاردىن كۈتكەن ئۈمىدى، ياشلارنىڭ دۆلەت ۋە مىللەتتە تۇتقان سالمىقىنى ئېنىق بېكىتىپ بەردى، بۇ ياشلاردا كۈچلۈك قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.

  تارىخ شۇنداق دەپ جاكارلىدىكى، ياشلار ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، مىللەتنىڭ كېلەچىكى. جۇڭخۇا مىللىتى ئېغىر جەبىر زۇلۇمدا قالغاندا، نەچچە ئەۋلاد جۇشقۇن ياشلار«جۇڭگونىڭ چىقىش يولى نەدە» دېگەن تارىخىي تېما ئۈستىدە ئىزدىنىپ، مىللىي مۇستەقىللىق، خەلقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقتى. 1921- يىلى پارتىيە 1- قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان 13 ۋەكىلنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 28 ياش، ئەڭ كىچىكى 20 ياش. سانسىزلىغان ياش كوممۇنىستلار غايە- ئېتىقادى ئۈچۈن كېيىنكىلەر ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئىزىنى بېسىپ، خەلق مەنپەئەتى ئۈچۈن ھاياتىنى بېغىشلىدى. دېموكراتىك ئىنقىلاب، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش، ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش دەۋرىدە، ياشلار يۈز مىليونلىغان خەلق بىلەن بىللە شانلىق نەتىجە يارىتىپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى كۈتۈۋېلىشىغا تۈرتكە بولدى. ھازىرقىغا قاراپ ئۆتمۈشنى ئەسلىسەك، قاتتىق قايغۇغا چۆمۈمىز: غايىلىك، مەسئۇلىيەتچان بىر ئەۋلاد ياشلار بولغاچقا، دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، مىللەتنىڭ ئۈمىد بولىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر