باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

توققۇز تارماق پىكىر بېسىپ تارقىتىپ، ئىجتىمائىي ئاقىللار ئامبىرىنى قوش باشقۇرۇشنى بېكىتتى

2017.05.05 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات-رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى، دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى يېقىندا بىرلىشىپ «ئىجتىمائىي ئاقىللار ئامبىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى. «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئىجتىمائىي ئاقىللار ئامبىرىدا تۈرگە ئايرىپ تىزىملاش، قوش باشقۇرۇش، ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، يۆلەش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا تەڭ ئېتىبار بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئاقىللار ئامبىرىنىڭ ئاكتىپ كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.

  پىكىردە مۇنۇلار بېكىتىلدى: ئىجتىمائىي ئاقىللار ئامبىرىغا قارىتا خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى بىلەن كەسپىي مەسئۇل ئورۇنلار قوش مەسئۇل بولۇش ۋە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلكىلىك (ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك) ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى پۇقراۋى ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات ئاپپاراتىنىڭ كەسپىگە مەسئۇل ئورنى بولىدۇ ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى تىزىملايدۇ؛ باشقا ئىجتىمائىي ئاقىللار ئامبىرىغا پائالىيەتكە ئالاقىدار ساھەدىكى مەسئۇل تارماقلار كەسىپكە مەسئۇل ئورۇن بولىدۇ ۋە تەڭ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى تىزىملايدۇ. خەلق ئىشلىرى تارماقلىرىغا ئىجتىمائىي تەشكىلات بولۇشنى تىزىمغا ئالدۇرمىغان ئىجتىمائىي ئاقىللار ئامبىرىنىڭ ئىجتىمائىي ئاقىللار ئامبىرى نامىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا بولمايدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر