باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى

2017.05.05 15:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لايىھە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. «لايىھە»دە مۇنۇلار تەكىتلەندى: چوقۇم پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتى ۋە مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، مەسئۇلىيەتنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، فۇنكسىيەنى ئۆزگەرتىپ، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەدبىرلەردە يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنى يازغۇچىلار ۋە ئەدەبىيات خىزمەتچىلىرىگە قارىتا ھەقىقىي كۈچلۈك جەلپ قىلىش، ئۇيۇشۇش كۈچىگە ئىگە ئاممىۋى تەشكىلات قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، يازغۇچىلار ۋە ئەدەبىيات خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، مىللەت، دەۋرگە مۇناسىپ تېخىمۇ كۆپ ئەدەبىي ئەسەرلەرنى يارىتىش كېرەك.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يازغۇچىلار ۋە ئەدەبىيات خىزمەتچىلىرىنىڭ ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەزەلدىن ئەھمىيەت بېرىپ، يازغۇچىلار ۋە ئەدەبىيات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە يۈكسەك ئېتىبار بېرىپ كەلدى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى ۋەزىيەتتىكى يازغۇچىلار ۋە ئەدەبىيات خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە قارىتا كۆپ قېتىم مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتى يىغىنى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىشى ۋە مۇھىم سۆز قىلىشى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ، ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر