باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2-تۈركۈمدىكى كەسپىي جەمئىيەت، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنى مەمۇرىي ئورگانلاردىن ئايرىۋېتىش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش باشلاندى

2017.05.04 16:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق كەسپىي جەمئىيەتلەر، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرى بىلەن مەمۇرىي ئورگانلارنى ئايرىۋېتىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئاپتونوم رايونلۇق ئايرىۋېتىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى دەپ ئاتىلىدۇ) «ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 2-تۈركۈمدىكى كەسپىي جەمئىيەت، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنى مەمۇرىي ئورگانلاردىن ئايرىۋېتىش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى. بۇ، ئىككىنچى تۈركۈمدىكى ئايرىۋېتىش سىنىقىنى يولغا قويۇش خىزمىتىنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  2-تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئاپتونوم رايون خاراكتېرىدىكى كەسپىي جەمئىيەت، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنى مەمۇرىي ئورگانلاردىن ئايرىۋېتىش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش 130 ئورگاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق تەنتەربىيە ئىدارىسى، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى، مائارىپ نازارىتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى، سودا نازارىتى قاتارلىق 39 كەسپىي ئورۇن جەمئىيەتلىرى، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىلىرىنىڭ كەسپىي مەسئۇل ئورۇنلىرىغا چېتىلىدۇ.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2-تۈركۈمدىكى ئايرىۋېتىش سىنىقىنى يولغا قويۇش خىزمىتى «بەشنى ئايرىش، بەشنى قېلىپلاشتۇرۇش »نى نۇقتىلىق چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلىدۇ. يەنى ئورگاننى ئايرىۋېتىش، ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش مۇناسىۋىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش؛ فۇنكسىيەنى ئايرىۋېتىش، مەمۇرىي ھاۋالە قىلىش ۋە ئىش تەقسىماتى مۇناسىۋىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش؛ مال مۈلۈك، مالىيەنى ئايرىۋېتىش، مال مۈلۈك مۇناسىۋىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش؛ خادىملارنى باشقۇرۇشنى ئايرىش، مۇناسىۋەتنى قېلىپلاشتۇرۇش؛ پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئىشلارنى ئايرىش، باشقۇرۇش مۇناسىۋىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر