خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ مۇشۇ 5-ئاي، سىز خاتا كۆرۈپ قالمىدىڭىز، دەل مۇشۇ مەزگىلدە ئۈرۈمچىنىڭ سىرتىدا قار تېيىلىۋاتقانلار بار، بۇنى رەسىم بىلەن ئىسپاتلاپ بېرەيلى.
5-ئاينىڭ 2-كۈنى، دېھقانلار كالېندارى بويىچە ياز كىرىشكە ئۈچ كۈن قالغاندا، ئۈرۈمچىنىڭ ئاسمىنىدا قار لەپىلدەپ يېغىشقا باشلىدى. ئۈرۈمچى ناھىيەسىگە جايلاشقان يىپەك يولى خەلقئارا ئىستىراھەت رايونىنىڭ ئۈندىدار سالونىدا، قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ يىغىلىپ، 5-ئاينىڭ 3-كۈنى قار تېيىلىشى توغرىسىدا ئۇچۇر چىقىرىلدى.
گەرچە 3-ماي كۈنى خىزمەت قىلىدىغان كۈن بولسىمۇ، بىراق يىپەك يولى خەلقئارا قار تېيىلىش مەيدانىنىڭ خۇشاللىق جىلغىسى قار تېيىلىش يولىغا 100دىن ئارتۇق قار تېيىلىش ھەۋەسكارى توپلىنىپ، قار تېيىلىش يەككە تاختىسى، قار تېيىلىش قوش تاختىسى، قار موتوسېكىلىتى قاتارلىق ھەممە تۈردە قار تېيىلدى. شۇنداق قىلىپ بۇ 5-ئايدا، شەھەر ئىچىدە مايكا بىلەن يۈرگىلى بولىدىغان، تاغقا چىقسا قار تېيىلغىلى بولىدىغان مەنزىرە كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى.
بۇ قېتىمقى قار تېيىلىشقا ئۈرۈمچىدىكى قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىدىن باشقا، ھەر قايسى جايلاردىكى قار تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىمۇ بەس-بەستە ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى، «جۇڭگو قار تېيىلىش يەككە تاختىسىدىكى 1-ئادەم» ۋاڭ لېيمۇ قار تېيىلىش يولىدا پەيدا بولدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى