باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا تەيۋەنگە بېرىپ كېلىش يول خېتى ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئىمزا قويۇش رەسمىيىتىنىڭ 2015- يىللىق نۇسخىسى رەسمىي تارقىتىلدى

2017.05.04 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- ماي، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، 2017- يىلى 4- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تەيۋەنگە بېرىپ كېلىش يول خېتى (تەيۋەنگە بېرىپ كېلىش ئېلېكتىرون يول خېتى) ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش ۋە ئىمزا قويۇش رەسمىيىتىنىڭ 2015- يىللىق نۇسخىسى رەسمىي تارقىتىلغان.

  «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرادىن ئۆتۈشنى باشقۇرۇش قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن، تەيۋەنگە بېرىپ كېلىش ئېلېكتىرونلۇق يول خېتى ئالغۇچىلار بەلگىلىمە بويىچە بارماق ئىزى ئۇچۇرى قالدۇرۇپ، ئىلتىماس قىلىشقا بولىدىكەن. بارماق ئىزى ئۇچۇرىنى قالدۇرۇپ گۇۋاھنامىگە ئىگە بولغۇچىلار چېگرادىن ئۆتكەندە، بەلگىلىمە بويىچە ئاپتوماتىك تاموژنىدىن ئۆتۈشكە بولىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىدىكى ئالاقىدار خىزمەتچى خادىملارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، چوڭلارنىڭ تەيۋەنگە بېرىپ كېلىش ئېلېكتىرونلۇق يول خېتىنىڭ ئىناۋەتلىك مۇددىتى 10 يىلغا ئۇزارتىلغان، 16 ياشقا توشمىغانلارغا بولسا، يەنىلا بەش يىللىق كۈچكە ئىگە يول خېتى تارقىتىپ بېرىلىدىكەن. يېڭى نۇسخىدىكى يول خېتىنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمىدە ھەر بىرگە 100 يۈەن تۆلەش كېرەك ئىكەن.

  نۆۋەتتە يەنىلا ئىناۋەتلىك بولىۋاتقان تەيۋەنگە بېرىپ كېلىش يول خېتىنى ۋە ئۇنىڭ قەغەز چاپلاپ ئىلاۋە قىلىش نۇسخىسىنى داۋاملىق ئىشلىتىشكە بولىدىكەن، ياكى تەيۋەنگە بېرىپ كېلىش يول خېتىنىڭ 2015- يىللىق يېڭى نۇسخىسىغا ئالماشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر