باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

جامائەت خەۋپسىزلىكى قانۇن ئىجراسىدا كەسىپلەشتۈرۈش ئارقىلىق قېلىپلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2016.05.23 14:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئېچىلغان مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 24-قېتىملىق يىغىنىدا، «جامائەت خەۋپسىزلىكى قانۇن ئىجراسىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش مېخانىزمىنى كۆزدە تۇتۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش سۈپىتى ۋە ئىناۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش تەكىتلەندى. ئۇنىڭدىن كېيىن جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى يىغىن ئېچىپ، مەركەزنىڭ يىغىن روھىنى ئۆگىنىپ يەتكۈزدى ۋە «جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش تەپسىلىي قائىدىسى (3-نەشرى)» قاتارلىق ئالاقىدار ئىسلاھات ھۆججەتلىرىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولدىكى، كەلگۈسىدە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ قانۇن ئىجراسى تېخىمۇ قېلىپلىشىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش جەريانى تېخىمۇ ئايدىڭلىشىدۇ.

  ئىسلاھات جەھەتتىن قارىغاندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى قانۇن ئىجراسىنى قېلىپلاشتۇرۇش قارالمىسىنىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىدىن، مەركەزنىڭ بۇ مەسىلىگە يۈكسەك ئېتىبار بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، جامائەت خەۋپسىزلىكى قانۇن ئىجراسىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، رېئاللىقتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ساقچىلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشىغا بېرىلگەن ناچار جامائەت پىكرىگە ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈنلا بولماستىن، يەنە جامائەت خەۋپسىزلىكى قانۇن ئىجراسىدا دۇچ كەلگەن خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈندۇر؛ ماكرو جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى قانۇن ئىجراسىغا قويغان يېڭى تەلىپى بولۇپ، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ فۇنكسىيە، بۇرچلىرىنى قانۇن بويىچە ئۈنۈملۈك ئادا قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ھەر بىر تۈرلۈك قانۇننى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتى، ھەر بىر دېلونى بېجىرىش جەريانىدا ئاممىغا جەمئىيەتنىڭ ئادىللىقى، ھەققانىيلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر