باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

چاغان – ئارزۇلار قاناتلىنىدىغان چاغ

شىن شىخۇڭ

2015.02.17 15:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىر مويسىپىت بار، ئۇ گۈل خۇمار كىشى، ھەر يىلى چاغان كەلگەندە ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى، دوست-بۇراردەرلىرىنى گۈل كۆرۈپ ھوزۇرلىنىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. پۇرەكلەپ ئېچىلغان، كىشىگە جىمجىتلىق ئاتا قىلىدىغان ھەر خىل گۈللەردىن چىقىۋاتقان خۇشبۇي ئۆينى بىر ئالىدۇ، ئۇ كىشى مېھمانلىرى بىلەن دوستلۇق مىنۇتلىرىنى ئەسلىشىپ، گۈزەللىكنىڭ پەيزىگە چۆمۈلىدۇ، بايرام تۈسى مۇشۇنداق ئاسايىشلىق، ئادىمىيلىك بىلەن تېخىمۇ قويۇقلىشىدۇ. ھازىر مانا پۈتۈن جاھان بايرام تۈسىگە كىردى، تەرەپ-تەرەپتە قاتىراپ يۈرگەن ئاشۇ كىشىلەر قىستاڭچىلىققا، ھارغىنلىققا، ئاچقىنلىققا قارىماي خۇددى ئۇۋىسىغا قايىتقان قۇشلاردەك يۇرتلىرىغا قاراپ ئاقماقتا. ئۇلار ئۆيگە قايتىپ، ئاتا-ئانىسىغا ھەمراھ بولىدۇ، ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى، دوست-يارەنلىرى بىلەن جەم بولىشىدۇ؛ كىملىكىنى ئىزدەپ، ئەجدادلىرىغا باش قويىدۇ؛ ئۆزىنى ئارام ئالدۇرۇپ، ئېغىر يۈكلىرىنى بىردەم بولسىمۇ ئۇنتۇشقا تىرىشىدۇ. چاغان باشقا بايراملارغا ئوخشاشمايدۇ، ئۇ سەپەرگە ئاتلىنىش ئالدىدىكى تەسەللى، قەلەم تەۋرىتىشتىن ئىلگىرىكى تەسەۋۋۇر، گۈللەر ئېچىلىدىغان چاغدىكى ئىنتىزارلىققا سىموۋول بولالايدۇ. ھەر بىرىمىزنىڭ قەلب دۇنياسى قاغجىراپ كەتكەن چۆل ئەمەس، بەلكى گۈللەر پۇرەكلەپ ئېچىلغان گۈلىستاندۇر. چاغدا، بىز تىنەش قەدەملىرىمىزنى ئاستىلىتىپ، قېرىنداشلىق مېھر-مۇھەببەت گۈللىرىدىن، قاناتلانغان ئارزۇلار ئەكەلگەن شادالىقتىن ھوزۇرلىنالايمىز.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر