باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ 1 – نومۇرلۇق ھۆججىتىدە گېن ئۆزگەرتىش تېخنىكىسىنىڭ توققۇز يىلدا ئالتە قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

2015.02.17 14:19         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل مەركەزنىڭ 1 – نومۇرلۇق ھۆججىتىدە: يېزا ئىگىلىكىدە گېن ئۆزگەرتىش بىيوتېخنىكا تەتقىقاتى، بىخەتەرلىك باشقۇرۇشى، پەن – تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. توققۇز يىلدىن بۇيان مەركەزنىڭ 1 – نومۇرلۇق ھۆججىتىدە گېن ئۆزگەرتىش تېخنىكىسى ئالتە قېتىم تىلغا ئېلىندى.

  مەركەز يېزا خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئىشخانا مۇدىرى چېن شىۋېن قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: گېن ئۆزگەرتىش تېخنىكىسىنىڭ توققۇز يىلدا ئالتە قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى مەركەزنىڭ گېن ئۆزگەرتىش پەن تەتقىقاتىغا داۋاملىق ئىلھام بېرىپ، ئۇنى تاۋارلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  تېخنىكا تەتقىقاتى: ئالىملارنىڭ ئىلغار تېخنىكىنى قوللىنىشىنى قوللايدۇ

  مەركەز يېزا خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خەن جۈن 3 – فېۋرال ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مەركەزنىڭ 1 – نومۇرلۇق ھۆججىتىنىڭ تەپسىلاتىنى يېشىپ مۇنداق دېدى: يېزا ئىگىلىكىدە گېن ئۆزگەرتىش بىيوتېخنىكىسى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىش بىزنىڭ ئىزچىل تەكىتلەۋاتقان سىياسىتىمىز بولۇپ، ئالىملارنىڭ يېزا ئىگىلىكىدە گېن ئۆزگەرتىش بىيوتېخنىكىسىدا يۇقىرى پەللىگە چىقىشىنى قوللايمىز.

  خەن جۈن مۇنداق دېدى: جۇڭگو گېن ئۆزگەرتىش ساھەسىگە بالدۇر قەدەم قويغان، گەرچە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ تەتقىقات سەۋىيەسى بىلەن بەلگىلىك پەرق بولسىمۇ، لېكىن شال ۋە كۆممىقوناقنىڭ گېنىنى ئۆزگەرتىش ساھەسىدە دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو 1 مىليارد 300 مىليون نوپۇسى بار چوڭ دۆلەت، ئادەم كۆپ، يەر ئاز بولغاچقا، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن مۇھىت بايلىقى چەكلىمىسى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە. شۇڭا گېن ئۆزگەرتىش بىيوتېخنىكا تەتقىقاتىدا سەپتىن چۈشۈپ قالساق بولمايدۇ. خەن جۈن مۇنداق دېدى: ئېلىمىز ھازىر تىجارەتلەشكەن تېرىقچىلىقتا كېۋەز بىلەن كۇلى بېيىسىنىڭ گېنىنى ئۆزگەرتىشنى تەستىقلىدى، شۇنداقلا چەت ئەلدىن گېنى ئۆزگەرتىلگەن بىر قىسىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئاساسلىقى سويا پۇرچاق، قىچا، كېۋەز ۋە كۆممىقوناقلارنى ئىمپورت قىلىشنى تەستىقلىدى. بۇلتۇر ئېلىمىز ئىمپورت قىلغان سويا پۇرچاق 71 مىليون توننىدىن كۆپ بولۇپ، ئاساسەن گېنى ئۆزگەرگەن.

  ئېلىمىزنىڭ گېنى ئۆزگەرگەن زىرائەت تېرىقچىلىق كۆلىمى تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر قىسىم دۆلەتلەردىن ئۈزلۈكسىز ئېشىپ باردى. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىيوتېخنىكا تەتقىقاتخانىسىىنىڭ سابىق باشلىقى، تەتقىقاتچى خۇاڭ دافاڭ مۇنداق دېدى: 1997 – يىلىدىن 2001 – يىلىغىچە، ئېلىمىز زىيانداش ھاشاراتلارغا چىداملىق گېنى ئۆزگەرگەن كېۋەز تېرىقچىلىقىنى كېڭەيتىپ، تېرىقچىلىق كۆلىمى جەھەتتە دۇنيا بويىچە 4 – ئورۇنغا ئۆتتى. 2003 –، 2006 – يىللىرى ئېلىمىزنىڭ گېنى ئۆزگەرگەن زىرائەت كۆلىمى برازىلىيە بىلەن ھىندىستاندىن ئېشىپ كەتتى. 2014 – يىلىغا كەلگەندە، ئېلىمىزنىڭ گېنى ئۆزگەرگەن زىرائەت كۆلىمى يەنىلا كېۋەز ۋە ئاز مىقداردىكى كۇلى بىيىسى بىلەنلا چەكلىنىپ، ئومۇمىي كۆلىمى 3 مىليون 900 مىڭ گېكتارغا يېتىپ، جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى پاراگۋاينىڭ تېرىقچىلىق كۆلىمى بىلەن تەڭلىشىپ، دۇنيا بويىچە 6 – ئورۇنغا ئۆتتى.

  گېن ئۆزگەرتىش تېخنىكىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان گېن ئۆزگەرتىشكە قارشى تۇرۇش سادالىرى گېن ئۆزگەرتىش تەتقىقاتىغا ھەقىقەتەن تەسىر كۆرسەتكەن. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى كې بىڭشېڭ بۇلتۇر مەملىكەتلىك ‹‹ئىككى يىغىن››دا ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېدى: 2013 – يىلى ئېلىمىزنىڭ گېنى ئۆزگەرتىلگەن بىيو يېڭى مەھسۇلات يېتىشتۈرۈش پەن – تېخنىكا مەخسۇس تۈر مەبلىغى 400 مىليون يۈەنگە قىسقارتىلدى، ئىلگىرى بۇ تۈر مەبلىغى ئەڭ كۆپ بولغاندا 2 مىليارد يۈەنگە يەتكەنىدى.

  شاڭخەي شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسى يېزا ئىگىلىكى بىيوگېن تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن تەتقىقاتچىسى يې شۇيفېڭ گېن ئۆزگەرتىش مەخسۇس تۈر مەبلىغىنىڭ زور دەرىجىدە قىسقارتىۋېتىلىشى توغرىسىدا چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: تەتقىقات مەركىزىمىز خۇاجۇڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زىيانداش ھاشاراتلارغا چىداملىق شال يېتىشتۈرۈش تەتقىقات تېمىسىغا قاتناشقاندا تەتقىقات مەبلىغىمىز ئاران 4 مىليون يۈەن ئىدى، يەنە كېلىپ بىرنەچچە ئورۇن بىرلىكتە ئىلتىماس قىلغاندىن كېيىن تەستىقلانغانىدى، ھازىر مەركىزىمىز ئىشلىگەن تەتقىقات تېمىلىرىغا گېن ئۆزگەرتىش مەخسۇس مەبلىغى بېرىلمەيدۇ.

  گېن ئۆزگەرتىش تېخنىكىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدىغانلىقى پاكىت تەلەپ قىلمايدىغان ئەمەلىيەت. خەلقئارا يېزا ئىگىلىكى بىيو تېخنىكىسىنى قوللىنىش – مۇلازىمەت قىلىش تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەتقىقات دوكلاتىغا قارىغاندا، 2014 – يىلى دۇنيا بويىچە گېنى ئۆزگەرگەن زىرائەتلەرنىڭ قىممىتى 15 مىليارد 700 مىليون دوللارغا يەتكەن. جۇڭگودا 7 مىليوندىن كۆپرەك دېھقان گېنى ئۆزگەرگەن زىرائەتلەردىن داۋاملىق نەپ ئالماقتا. جۇڭگو دېھقانلىرى 1996 – يىلى گېن ئۆزگەرتىش تېخنىكىسىنى كىرگۈزگەندىن بۇيان 1 مىليارد 620 مىڭ دوللار پايدا ئالغان.

  يې شۇيفېڭ مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ گېن ئۆزگەرتىش تېخنىكىسى تەتقىقاتىنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى پەن تەتقىقات خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى يەنىمۇ چىڭىتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ گېن ئۆزگەرتىش تېخنىكىسى ساھەسىدىكى تەتقىقاتىدا زور بۆسۈش بولمىدى، ئەگەر تېخنىكىدا ئىلگىرىلىمىسەك، باشقا دۆلەتلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايمىز، بۇ ئېلىمىزنىڭ تېرىقچىلىق، ئاشلىق قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىستراتېگىيەلىك بىخەتەرلىكىگە پايدىسىز.

  بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇش جەھەتتە: بەلگىلىمىگە، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ ‹‹تەننەرخى تۆۋەن››، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھالقىسى كۆپ

  خۇنەندىكى ‹‹سېرىق گۈرۈچ››ۋەقەسى، جۇڭگو زاپاس ئاشلىق باشقۇرۇش باش شىركىتىنىڭ ‹‹گېنى ئۆزگەرتىلگەن ياغنى ئىسكىلاتقا كىرگۈزۈش››خەۋىرى، خەينەندىكى گېنى ئۆزگەرگەن زىرائەتلەرنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ تېرىلىشى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر....... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گېنى ئۆزگەرگەن زىرائەت تېرىقچىلىقىدا بەلگىلىمە، قانۇنغا خىلاپ ئىشلار ئارقا – ئارقىدىن ئاشكارىلانماقتا. ئۇنداقتا گېن ئۆزگەرتىش بىيوتېخنىكىسىنىڭ بىخەتەر مۇداپىئە لىنىيەسى بارمۇ – يوق؟

  ئەمەلىيەتتە، ئېلىمىزنىڭ گېن ئۆزگەرتىش تەتقىقاتى، تەجرىبىسى، شۇنداقلا ئىشلەپچىقىرىشىدا بىر يۈرۈش قاتتىق تۈزۈم ۋە تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپلىرى بار. 2001 – يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان‹‹يېزا ئىگىلىكىدە گېن ئۆزگەرتىش بىيوتېخنىكا بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش نىزامى››ھازىرقى گېن ئۆزگەرتىش پەن – تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە سودا ساھەسىدە رىئايە قىلىنىدىغان مىزان. نۇرغۇن كەسىپ ئەھلى مۇنداق دېدى: ھازىرقى گېن ئۆزگەرتىش تېخنىكىسىنى باشقۇرۇشتىكى ‹‹قالايمىقانچىلىق››نىڭ سەۋەبى بەلگىلىمە، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ ‹‹تەننەرخى تۆۋەن››، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئاجىز بولۇش، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپى مۇرەككەپ بولۇشتا مەركەزلىك ئىپادىلىنىدۇ.

  خەينەن ‹‹نەنرۇڭ›› سورت يېتىشتۈرۈش بازىسىدا يۈز بەرگەن بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلىپ گېنى ئۆزگەرگەن زىرائەت تېرىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن خەينەن ئۆلكىلىك دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ پەن – تېخنىكا، مائارىپ باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋۇ چيۇڭزې مۇنداق دېدى: ھازىرقى ئالاقىدار قانۇن بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، قانۇن، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا گېن ئۆزگەرتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ‹‹نەنرۇڭ›› سورت يېتىشتۈرۈش ئورنى ۋە شەخسكە ئاران 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلدى.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: گېنى ئۆزگەرگەن زىرائەتلەر ۋە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى كۆز بىلەن پەرقلەندۈرگىلى بولمىغاچقا، نۇرغۇن كارخانا ۋە شەخس بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ قانۇنسىز پايدا ئالماقتا. خېبېي ئۆلكىسى چېڭخۇاڭداۋ شەھىرىدىكى ئاشلىق – ياغ كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چەت ئەل كارخانىسىنىڭ زۇ فامىلىك مال ساتقۇچىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، جياڭيۇ ئىشلەپچىقارغۇچى بەزى زاۋۇت، سودىگەرلەر ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن گېنى ئۆزگەرگەن پۇرچاق تىرىپىنى سېتىۋالغان.

  تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنىڭ مۇرەككەپ بولۇشىمۇ پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا گېن ئۆزگەرتىش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. يې شۇيفېڭنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دۆلەت گېن ئۆزگەرتىش تەجرىبىسىنىڭ ھەر بىر ھالقىسىنى قاتتىق تەكشۈرىدىكەن، لېكىن يىلدا پەقەت ئىككى قېتىملا تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاچقا، ماتېرىياللارنى يۇقىرىغا يوللىغاندىن كېيىن ئىككى ئايدا ئاندىن نەتىجىسى چىقىدىكەن. ئەگەر تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋاقتىدا بولمىسا تەجرىبە نەتىجىسىگە تەسىر يەتكۈزىدىكەن.

  پەننى ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتتە: ئەقىل بىلەن مۇھاكىمە قىلىپ، جامائەتكە تاللاش ھوقۇقى بېرىش كېرەك

  ‹‹گېنى ئۆزگەرگەن كۆممىقوناق يېگەن چاشقانلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىدۇ››، ‹‹گېنى ئۆزگەرگەن يېمەكلىكلەرنى يېسە تۇغماس بولۇپ قالىدۇ››دېگەندەك مىش – مىش گەپلەر ھازىر مىكرو بىلوگ، ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي سۇپىلاردا تارقىلىپ، گېنى ئۆزگەرگەن يېمەكلىكلەر ھەققىدە خاتا كۆز قاراشلار شەكىللىنىشكە باشلىدى. كىشلەرنىڭ گېن ئۆزگەرتىش تېخنىكىسىغا بولغان چۈشەنچىسىدە زادى قانچىلىك خاتالىق بار؟

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: كىشىلەرنىڭ گېن ئۆزگەرتىش تېخنىكىسىغا خاتا چۈشەنچە پەيدا بولۇشىدىكى ئاساسىي سەۋەب، گېن ئۆزگەرتىش تېخنىكىسى بىلەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ چەك – چېگراسىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىلگەن. ھازىر ئېلىمىز تەستىقلىغان گېنى ئۆزگەرگەن زىرائەتلەردىن پەقەت كېۋەز بىلەن كۇلى بىيىسىلا بار. لېكىن ئايرىم كارخانىلار مەھسۇلاتىنى سېتىش ئۈچۈن، ئىستېمالچىلارنىڭ گېن ئۆزگەرتىش تېخنىكىسىغا بولغان ‹‹قورقۇش››پىسخىكىسىدىن پايدىلىنىپ، گېن ئۆزگەرتىش تېخنىكىسى توغرىسىدىكى بەس – مۇنازىرە بىلەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى بىر – بىرىگە چېتىۋېلىپ، گېن ئۆزگەرتىش تېخنىكىسىنى قورقۇنچلۇق قىلىپ تەسۋىرلەپ بەرگەن.

  يېزا ئىگىلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى، ئاخبارات باياناتچىسى بى مېيجيا ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: يەر ياڭىقى(خاسىڭ) يېغىغا ئوخشاش ئېلىمىزدە گېن ئۆزگەرتىش تېخنىكىسى قوللىنىلماي، تىجارەتلەشتۈرۈلۈپ تېرىلغان زىرائەت مەھسۇلاتلىرىغا ‹‹گېنى ئۆزگەرتىلمىگەن مەھسۇلات››دېگەن نامنى بەرگەندە ئىستېمالچىلارنى قايمۇقتۇرۇپلا قالماستىن، يەنە كەسىپلەر ئارىسىدىكى يامان سۈپەتلىك رىقابەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدۇ.

  پەننى ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇشتا، يەنە جامائەت پىكرىنى يېتەكلەشكە، ئىدىيەۋى تونۇش قاتلىمىدا ئادىل، ئېچىۋېتىلگەن مۇھاكىمە كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. يېزا ئىگىلىك سىياسىتى مۇتەخەسسىسى، نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى چېڭ تۇڭشۇن مۇنداق دېدى: جەمئىيەتتە گېن ئۆزگەرتىش تېخنىكىسى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ گېنى ئۆزگەرگەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىغا بولغان تونۇشى ۋە پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئالىملار پۇقرالارغا ۋاكالىتەن قارار چىقارماسلىقى، مۇھاكىمىنى ئەقلىي ئاساستا ئېلىپ بېرىشى لازىم.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇتەخەسسىسلەر دۆلەتنىڭ گېنى ئۆزگەرگەن يېمەكلىكلەر بەلگىسى تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى. فۇجيەن پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى جامائەت باشقۇرۇش ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جاڭ شياڭ مۇنداق دېدى: گېنى ئۆزگەرگەن يېمەكلىكلەرنى كېڭەيتىش ۋە سېتىشتا ئۇچۇرلار ئاشكارا بولۇشى، ئىستېمالچىلارنىڭ تاللاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. تەۋەككۈلچىلىك قىلماسلىق، گېن ئۆزگەرتىش پاكىتلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلماسلىق قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىنى چەكلەش كېرەك.

  خەن جۈن مۇنداق دېدى: ئېلىمىز خەلقئارا بىلەن ماس قەدەمدە يېزا ئىگىلىكىدە گېن ئۆزگەرتىش بىيوتېخنىكا بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇشقا دائىر قانۇن – نىزام سىستېمىسى، تېخنىكا تەرتىپ سىستېمىسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئورناتتى، بۇ سىستېمىلار گېن ئۆزگەرتىش تېخنىكىسىنىڭ تەتقىقات، تەجرىبە، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەپ، ئىمپورت ئىجازەتنامىسىدىن تارتىپ مەھسۇلات بەلگىسىگىچە بولغان ھەرقايسى ھالقىلىرىنى قاپلىدى. ئەگەر قانۇن – نىزامغا خىلاپ ھەرىكەتلەر بايقالسا، قانۇن بويىچە قاتتىق بىرتەرەپ قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر