باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن قاتارلىق رەھبەرلەر پېشقەدەم يولداشلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى

2015.02.17 14:21         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاغان كېلىش ئالدىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ۋە ئاپتونوم رايون، بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن قاتارلىقلار بەش گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، 16 – فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن پېشقەدەم يولداشلارنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن ئۇلارغا چاغانلىق سالام يوللىدى، ئۇلارنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە قوشقان مۇھىم تۆھپىسىگە تەشەككۈر ئېيتتى ھەم پېشقەدەم يولداشلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە بەخت تىلىدى.

  جاڭ چۈنشيەن خەن يۇڭ، بەي جىجيې، غانىبات سابۇكەي، مۇتەللىپ قاسىم ئايرىم ھالدا ۋېن كېشياۋ، ليۇ شۇاڭچۈەن، جياڭ شەن، جاڭ سىشۆ، لى جىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئۇلارغا بەخت تىلىدى. جاڭ چۈنشيەن ليۇ شۇاڭچۈەننىڭ ئۆيىگە كىرىپلا، ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن سەمىمىيلىك بىلەن: چاغىنىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، دېدى. ليۇ شۇاڭچۈەن ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى شۇنچە مۈشكۈل، مۇرەككەپ بولۇۋاتقان ۋەزىيەتتىمۇ پېشقەدەم يولداشلارنىڭ غېمىنى يېگەنلىكىگە تەشەككۈر ئېيتتى ھەم رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ھال سوراش داۋامىدا، جاڭ چۈنشيەن پېشقەدەم يولداشلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق باسقۇچلىرىدا مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: پېشقەدەملەر جاپالىق كۈرەش قىلغاچقا، بىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزغا پۇختا ئاساس سېلىندى. پېشقەدەم يولداشلارنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن داۋاملىق ئەقىل كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شۆھرەت زاكىر، سۇڭ ئەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن پېشقەدەم يولداشلاردىن لى فېڭزى، چېن دېمىن، فۇ چياڭ، ۋۇ دۈنفۇ، ۋۇ جياخېنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇلارغا چاغانلىق سالام بەردى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: پېشقەدەم يولداشلار شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدا مول تەجرىبىگە ئىگە ئۇستازلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر، ئاپتونوم رايون ھازىر خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش پائالىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ھەم چوڭقۇر قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ كۆپرەك تەكلىپ – پىكىر بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە داۋاملىق چارە – تەدبىر كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  نەيىم ياسىن، جۇ خەيلۈن، شيۇڭ شۈەنگو، جارۇللا ھېسامىدىن ئايرىم ھالدا جيې فۇپىڭ، بادەي، شۈ پېڭ، رېن گېبەي، فېڭ داجىن، ۋاڭ يۇسەنلەرنى يوقلىدى. نەيىم ياسىن بارغانلىكى ئۆيدە پېشقەدەم يولداشلارنىڭ سالامەتلىك ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى سەمىمىي سورىدى، ئاپتونوم رايونغا ۋاكالىتەن پېشقەدەم يولداشلارنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى، ئۇلارنىڭ چاغاننى خۇشال – خورام ئۆتكۈزۈشىگە، تېنىنىڭ سالامەت، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن، ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. نەيىم ياسىن پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ئىلگىرىكىدەكلا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە قوللاپ، ئورتاق تىرىشىپ، تېخىمۇ گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  نۇرلان ئابىلمەجىن، لى ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، جۇ چاڭجيې ئايرىم ھالدا تاڭ گۇاڭسەي، پەن جاۋمىن، جىن يۈنخۈي، لى دۇڭخۈي، جاڭ خېڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئۇلارغا چاغانلىق سالام بەردى ۋە بەخت تىلىدى. نۇرلان ئابىلمەجىن پېشقەدەم يولداشلارنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا ئىلگىرىكىدەكلا تۆھپە قوشۇپ، بىرلىكتە گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  چې جۈن، لى شۆجۈن، ماغاۋ سېيتقامزا ئايرىم ھالدا جاڭ يۈجۇڭ، جۇ جېنجۇڭ، تۆربايىر، نيۇ چىيى، شيۇڭ خۈييىن، سېرجىلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئۇلارنىڭ چاغىنىنى تەبرىكلىدى. چې جۈن پېشقەدەم يولداشلارغا شىنجاڭنىڭ بۇلتۇرقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، پېشقەدەم يولداشلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە بەخت، چاغىنىغا خۇشاللىق تىلىدى.

  پېشقەدەم يولداشلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىگە ئەتراپلىق كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە تەشەككۈر ئېيتتى ھەم تىرىشىپ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تۆھپە قوشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر