باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

يېڭى ۋەزىيەتتەپارتىيەنىقاتتىق باشقۇرۇشنىڭ قانۇنىيىتىنىئىگىلەيلى

___ شى جىنپىڭنىڭ تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى خۇلاسىلەشيىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا (5)

2014.10.14 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قانداق قىلىپ پارتىيە قۇرۇلغان دەسلەپكى ۋاقىتتىكىئون نەچچە كىشىلىك كىچىك پارتىيەدىن، بارغانسېرى زورىيىپ بۈگۈنكىدەك 86 مىليوندىن ئوشۇق ئەزاسى بار، 1 مىليارد 300 مىليون نوپۇسلۇق چوڭ دۆلەتتەئۇزۇن مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدىغان چوڭ پارتىيەگە ئايلىنىپ، تۈرلۈك بوران-چاپقۇن ۋە سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلىدى؟ پارتىيەمىزنىڭئۆز قۇرۇلۇشىغا باشتىن-ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭگۈشتەردىنباشتىن-ئاخىر ياخشى پايدىلىنىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىگىلەشكە باشتىن-ئاخىر ئەھمىيەت بەرگەنلىكى دەل بۇنىڭ مۇھىم ھالقىسى ھېسابلىنىدۇ.

  «بۇ قېتىمقى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتى يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىشىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچىلىك رولىغا ئىگە.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدا سەككىز جەھەتتىن مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. بۇ پارتىيەقۇرۇلۇشى قانۇنىيىتىگە قارىتا چوڭقۇر چۈشىنىش ھاسىل بولغانلىقى، بۇ قېتىمقى پائالىيەت تەجرىبىسىنىڭ ئىلمىي يەكۈنلەنگەنلىكى ۋە نەزەرىيە يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى نامايان قىلىپ،پارتىيەنى پارتىيەباشقۇرۇش، پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن يۆنىلىش ۋە يول كۆرسىتىپ بەردى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر