باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چاۋشيەن كورېيەگە «تېخىمۇ كۈچلۈك زەربە» بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى

2014.10.14 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاۋشيەن مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقى 12-چېسىلا كورېيە-چاۋشيەن يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىشى شىمال تەرەپ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باياناتچىسى «ئەگەر كورېيە ھاۋادىن تەشۋىقات ۋاراقچىسى تاشلاش قاتارلىق «زور ئىغۋارگەرچىلىك قىلمىشى»نى داۋاملاشتۇرسا چاۋشيەن تېخىمۇ كۈچلۈك زەربە ئېيتقانلىقى توغرىسدا خەۋەر بەردى. بۇ باياناتچى مۇنداق دېگەن: بۇ قېتىمقى تەشۋىقات ۋاراقچىسى تاشلاش كورېيە دائىرىلىرىنىڭ ئاستىرتىن يول قويۇشى ۋە ھەربىي مۇھاپىزىتى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، چاۋشيەن ئالدىنقى سەپ قوشۇنلىرى قورال كۈچى بىلەن ئېتىپ چۈشۈردى، بۇ چاۋشيەن تەرەپنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىنڭ قۇرۇق گەپ ئەمەسلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. چاۋشيەن تەرەپ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: كورېيە جەنۇب-شىمال مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەرنى توختىتىشى كېرەك، كورېيەنىڭ «يەنە تاللاش پۇرسىتى بار». كورېيە ئارمىيەسى بىرلەشمە قوماندانلىق ئىشتابى 10-چېسىلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «چاۋشيەن تەرەپ شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن كورېيەدىكى بىر پۇقراۋى تەشكىلات گىيوڭگې ناھىيەسى ئەتراپىدا ھاۋادىن تاشلىغان چاۋشيەنگە قارشى تەشۋىقات ۋاراقچىلىرىنى ئوققا، نۇرغۇن ئوق كورېيە چېگراسىغا چۈشتى، ئارقىدىن كورېيە تەرەپمۇ ئوق چىقاردى.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر