باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كېررى: تۈركىيە ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدىكى ئەسلىھەلەردىن پايدىلىنىپ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشىگە قوشۇلدى

2014.10.15 15:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى 14-ئۆكتەبىر پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: تۈركىيە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تۈركىيەدىكى بىر قسىىم ئەسلىھەلەردىن پايدىلىنىپ، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشىگە قوشۇلدى. كېررى شۇ كۈنى پارىژدا رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىك مىنىستىرى لاۋروف بىلەن ئۈچ سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىشى مەسلىسىنى مەركەزلىك مۇزاكىرە قىلدى. كېررى سۆھبەتتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: تۈركىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزىنىڭ كۇن تەرتىپىگە ئاساسەن ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىدىغان ئىتتىپاقداش دۆلەتلەردىكى ئورنىنى بىكىتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ تۈركىيە بىلەن ئىختىلاپى يوق، شۇڭا تۈركىيە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينىيالايدۇ .

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر