باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيە سىنگاپور بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك كېلىشىمىنى ئىمزالىدى

2014.10.15 15:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىيە باش مىنىستىرى داۋۇت ئوغلى بىلەن سىنگاپور باش مىنىستىرى لى شەنلوڭ 14-ئۆكتەبىر ئەنقەرەدە تۈركىيە بىلەن سىنگاپورنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك كېلىشىمىنى ئىمزالىدى. داۋۇت ئوغلى شۇ كۈنى لى شەنلوڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈركىيە بىلەن سىنگاپور مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك كېلىشىمىنى ئىمزالىشىغا مۇستەھكەم ئاساس سالدى. ئىككى تەرەپنىڭ بۇ كېلىشىمنى ئىمزالىشىدىن مەقسىتى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشدىن ئىبارەت. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: تۈركىيە بىلەن سىنگاپور سۆھبەتنى تېزلىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمىنى تېزدىن ئىمزالايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر