باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق تورى «بۈگۈنكى رۇسىيە» بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى(1)

2014.10.14 15:42   مەنبە: خەلق تورى

خەلق تورى «بۈگۈنكى رۇسىيە» بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى(1)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: جۇڭگو گوۋۇيۈەنىنىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ بىلەن رۇسىيە زۇڭلىسى مېدۋېدېۋنىڭ شاھىدلىقىدا، خەلق گېزىتى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، خەلق تورىنىڭ لىدىرى مالى بىلەن «بۈگۈنكى رۇسىيە» ئاگېنتلىقىنىڭ باشلىقى كىسېلىۋ 13-چېسلا رۇسىيە ھۆكۈمەت بىناسىدا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.كېلىشىمگە ئاساسەن، خەلق تورى بىلەن «بۈگۈنكى رۇسىيە» ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچۇر ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىدا ئورتاق تونۇشقا كەلدى. بۇ كېلىشىم ئۇچۇر بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئاممىۋى تاراتقۇلارنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ساھەلىرىدە ئوبيېكتىپ، كەسپىي خەۋەر بېرىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ يېقىنلىشىشى ۋە چۈشىنىشىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئىككى تەرەپ يەنە تور خەۋەر بايلىقىنى ئۆزئارا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش، بىرلەشمە زىيارەتنى قانات يايدۇرۇش، مۇتەخەسسىس زاكاز ماقالىسى بىلەن تەمىنلەش، بىر-بىرىنىڭ مۇخبىرلىرىغا ياردەم بېرىش قاتارلىق تەرەپلەردىمۇ ھەمكارلىشىشقا پۈتۈشتى. ۋۇ لېجۈن، خۇا دى، چۈ خەيچى خەۋىرى

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

【1】 【2】 
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز