باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

غەربىي قىسىمدىكى تۇنجى بوشلۇق داۋالاش قۇتقۇزۇش يولى شىئەندە ئېچىلدى

2014.10.14 11:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن EC130بەلگىلىك بىر تىك ئۇچار شىجىڭ دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى مەيدانىغا قوندى، بۇ ئېلىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تۇنجى بوشلۇقتا قۇتقۇزۇش داۋالاش يولىنىڭ شىئەندە ئېچىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  بوشلۇقتا داۋالاش، قۇتقۇزۇش مۇلازىمىتى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلۋىاتقان ئىككى تىك ئۇچارنى يەر شاردىكى ئەڭ چوڭ ئايروپىلان ياساش كارخانىسى ئايرۇباس شىركىتى ياساشنى ئۈستىگە ئالدى، ئەڭ چوڭ ئۇچۇپ چارىلاش سۈرئىتى سائىتىگە 287 كىلومېىتر ۋە 266 كىلومېتىر بولۇپ، يەر شارىدا ئېتىراپ قىلنغان جىدىي داۋالاپ قۇتقۇزۇش كەسپى ئايروپىلانى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  شىجىڭ جىددى قۇتقۇزۇش ئۇچۇش داۋالاش ئەتىرىتىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان شىجىڭ دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى يى ۋېن مۇنداق دېدى: ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى داۋالاش قۇتقۇزۇش تىك ئۇچارىنىڭ ئىچىگە يۈرەك سوقۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈسكۈنىسى، كۆپ ئىقتىدارلىق كۈزىتىش ماشىنىسى، ئېلىپ يۈرگىلى بولىدىغان نەپەس ئالدۇرغۇچ، ئوكسىگىن سۈمۈرگۈچ قاتالرىق تۈرلۈك جىددىي قۇتقۇزۇش ئەسلىھەلىرى ۋە دورىلار سەپلەنگەن بولۇپ، ئۇچۇش جەريانىدا جىددىي داۋالاپ قۇتقۇزالايدۇ.

  شىجىڭ دوختۇرخانىسىدىكى 25 نەپەر دوختۇر ۋە 6 نەپەر سىستىرادىن تەركىپ تاپقان شىجىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش ئۇچۇش داۋالاش ئەتىرىتىدىكى دوختۇرلارنىڭ ھەممىسى دوكتورلۇق ئونۋانىغا ئىگە، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇنلىرى ئىلگىرى بۇ يىللىق تىنچلىق بۇرچى 2010 ۋە ۋېنچۈەن، يۇشۇ، مىنشيەن يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن ۋەقەدىن قۇتقۇزۇش ۋەزىپىلىرىگە قاتناشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر