باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۆپ قىسىم جايلار يىل ئاخىرىدىن بۇرۇن ئۆلكە دەرىجىلىك كادىرلارنىڭئۆينى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئىگىلىۋېلىش مەسىلىسىنى تۈزەشنى تاماملايدۇ

2014.10.14 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋرى: يېقىندا، مەركەز ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ تور بېكىتىدە مەركەز كۈزىتىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ 2014-يىللىق تۇنجى قېتىملىق كۆزىتىش-تۈزەش ئەھۋالىنىئارقا-ئارقىدىنئېلانقىلدى. 13-ئۆكتەبىر سائەت نۆلگە قەدەر، تۇنجى قېتىم كۈزىتىلگەن 14 رايون ۋە ئورۇن ئىچىدە، پەقەت خېنەن ئۆلكىسىنىڭ تۈزەش ئەھۋالىلا ئېلان قىلىنمىدى. رەھبىرى كادىرلارنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ تۇرالغۇ ئۆي ئىگىلىۋېلىش ۋە كارخاناياكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردا قوشۇمچە ۋەزىپە ئۆتەش قىلمىشىنى تەرتىپكە سېلىش، «1-قول باشلىق»نىڭ ھوقۇقىغا قويۇش، «سالتاڭ ئەمەلدار»لارنى تۈزەش قاتارلىقلار يېقىنقى بىرقانچە يىللىق خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ، بۇ قېتىملىق تۈزەش ئەھۋالىدا ئەكس ئەتتۈرۈلىدۇ.

  ئېلان قىلغان تۈزەش مۇددىتىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، كۆپ قىسىم جاي (ئورۇن)لار بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئۆلكە دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تۇرالغۇ ئۆينى ئارتۇق ئىگىلىۋېلىش، كادىرلارئارخىپىدا ساختىلىق قىلىش، بىكار يېتىپ مائاش ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى تاماملايدىكەن. ئارتۇق سەپلەنگەن كادىرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش نىشانىنىڭئىككى-ئۈچ يىل ئىچىدە ئورۇندىلىدىغانلىقى پىلانلىنىپتۇ.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر