باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

رەڭدار گۈيجوۋ گۈللەندى

2014.10.14 15:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  20 يىل ئۆتۈپ كەتتى، ئەھۋالدا تۈپتىن ئۆزگىرىش بولدى. ھازىر لۇڭگۇاڭ كەنتىدە %42 بۇيى، %58 خەنزۇ بار، ئۇلار مىللەتلەر ئۆتۈپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىشىپ، بىر نىيەت-بىر مەقسەتتە تەرەققىياتنى كۆزلىمەكتە. نۆۋەتتە مەزكۇر كەنتتە 63 دېھقانلار ئارامگاھى، 32 سەھرا مېھمانخانىسى بار بولۇپ، ساياھەت ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 117 مىليون يۈەنگە يەتتى، دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى ئون مىڭ يۈەندىن ئاشتى.

  گۈيجوۋدا لۇڭگۇاڭ كەنتىگە ئوخشاش كەنتلەر ناھايىتى كۆپ. گۈيجوۋ كۆپ مىللەت ئولتۇراقلاشقان ئۆلكە بولۇپ، تارىختىن بۇيان ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن مىللەت 17گە يېتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، مياۋزۇ، بۇيى، دۇڭزۇ، شۈيزۇ، گېلاۋ قاتارلىق بەش مىللەتنىڭ نوپۇسى مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ. پۈتۈن ئۆلكىدىكى دائىم تۇرۇشلۇق 34 مىليون 690 مىڭ نوپۇس ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى 12 مىليون 550 مىڭ بولۇپ، ئۆلكە نوپۇسىنىڭ %36.11نى، مەملىكىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسىنىڭ %11.03نى ئىگىلەيدۇ، مىللىي ئاپتونومىيەلىك جايلارنىڭ يەر كۆلىمى پۈتۈن ئۆلكە يەر كۆلىمىنىڭ %55نى ئىگىلەيدۇ.

  ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان-ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، گۈيجوۋدا مىللىي مەسىلىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلماسلىق سەۋەبىدىن بىر قېتىممۇ ئاممىۋى ۋەقە يۈز بېرىپ باقمىدى. ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاۋ كېجى ئېيتقانداق «گۈيجوۋدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدا "ھەركىم ئۆز گۈزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان، گۈزەللىككە ئىنتىلىدىغان، گۈزەللىكتە بىللە تۇرىدىغان" مىللىي مەدەنىيەت ئەندىزىسى شەكىللەندى، بۇ گۈيجوۋنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندى».

  ۋەن شيۇبىن، ۋاڭ جىچيۇ، خۇاڭ شيەن، خاۋ يىڭشەن خەۋىرى

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر