باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەمەلىيەت پائالىيەت نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ قاتتىقلىق بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرەيلى

مەركەزنىڭ پارتىيە ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئۇقتۇرۇش قىلىپ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

2014.10.16 08:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنىخۇا ئاگېنتىلىقىنىڭ 14-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى: يېقىندا مەركەز پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى « باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنتەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش ئۇقتۇرۇشى»نى تارقىتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپىسى) نىڭ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا سۆزلىگەن مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى نۆۋەتتىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ ۋە ياخشى تۇتۇشىنى، ئىدىيەۋى تونۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەلىك قاراشنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى توسالغۇنى چىقىرىپ تاشلاپ، ھەرىكەت ئاكتىپلىقنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىستىلىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، قاتتىقلىق بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

  «ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنىڭ زور نەتىجىلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ، پائالىيەتنىڭ مۇۋەپپىقىيەت تەجىرىبىلىرى چۇڭقۇر خۇلاسىلەندى، يېڭى ۋەزىيەتتە پارتىيەنىقاتتىقلىق بىلەن ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىپ، ئېنىق تەلەپ ئوتتۇرغا قويۇلدى، قەتئىي بوشاشماستىن «تۆت خىل خاھىش»قا قارشى تۇرۇپ ئىستىل ئۆزگەرتىش، ئىستىل ئ‍ۆزگىرىشىنىڭياخشى پەيتنى ساقلاش، ئىستىل قۇرۇلۇشى تەلىپىنى ھەقىقي يىلتىز تارتقۇزۇش، پارتىيەنىقاتتىقلىق بىلەن باشقۇرۇشنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى يېڭى ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رېئال ئەھمىيىتى ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيىتى بار. ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى مەخسۇس ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇپ مەركەزلىك ئۆگىنىشى ۋە مۇھاكىمە قىلىشى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىشكە تەشكىللىنىشى، سېستىمىلىق ۋە تەپسىلىي ئۆگىنىشى، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىشى، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى «سۆز»نىڭ روھى بىلەن ئاڭلىق بىرلەشتۈرۈشى، مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈشى لازىم.

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر