باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قازاقىستان جۇڭگوغا نېفىت ئېكىسپورت قىلىشنى كۆپەيتىش ئۈستىدە ئويلاشماقتا

2014.10.15 16:37         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قازاقىستان تاراتقۇلىرىنىڭ 14-ئۆكتەبىر قازاقىستان ئىقتىساد مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىشىچە: قازاقىستان نېفىت ئېكسپورتىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگوغا نېفىت ئېكسپورت قىلىشنى كۆپەيتىش ئۈستىدە ئويلاشماقتىكەن.

  قازاقىستان ئىقتىسادىنىڭ ئېنېرگىيە ئېكىسپورتىغا تايىنىش دەرىجىسى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، ئۇنىڭ نېفىتى ئاساسلىقى رۇسىيە تەۋەسىدىكى تۇرۇبا يولى ئارقىلىق ياۋروپاغا ئېكسپورت قىلىنىدۇ. نۆۋەتتە غەربنىڭ رۇسىيەگە قاراتقان جازالىشى نېفىت ساھەسىگە كېڭەيتىلمىدى، بىراق كەلگۈسىدە بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى يوققا چىقىرىشقا بولمايدۇ.

  قازاقىستاننىڭ ئىقتىساد مىنىستىرى دوسايىف مۇنداق دېدى: قازاقىستان غەرب ئەللىرىنىڭ رۇسىيەگە قارىتىلغان جازاسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلىشىدەك ئەھۋالنى نەزەردە تۇتۇپ بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرىنى بېكىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر