باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئىراننىڭ يادرو مەسلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىشدا يەنىلا ئېھتىماللىق بار دېيىلدى

2014.10.15 16:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى 14-ئۆكتەبىر پارىژدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا تاراتقۇلارغا، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش مۇمكىنچىلىقىنىڭ يەنىلا بارلىقىنى بىلدۈردى.

  لاۋروف مۇنداق دېدى: ھەر قايسى تەرەپلەر ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە تېزدىن ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم ھاسىل قىلىش يولىدا تىرىشماقتا، ئالاقىدار ئۇچرىشىشلا ھەر كۈنى ئېلىپ بېرىلماقتا. ئۇ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ بۇ مەسىلىدە مۇرەسسەلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  كېررى سۆھبەتتىن كېيىن تاراتقۇلارغا مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە يەنىلا بىر قىسىم نازۇك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشغا توغرا كېلىدۇ، بىراق ئۇ كېلىشىم ھاسىل قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش ئەمەس دەپ ھېسابلىدى.

  سۆھبەت مۇساپىسىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، كېررى 15-ئۆكتەبىر ۋيېنادا ئامېرىكا، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ئىراندىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ سۆھبىتىگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر