باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورىيە تاراتقۇلىرى: كورىيە بىلەن چاۋشيەن گېنېرال دەرىجىلىكلەر ھەربىي ئىشلار سۆھبىتى ئۆتكۈزىدۇ

2014.10.15 16:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 15- ئۆكتەبىر خەۋەر قىلىشىچە: كورىيە بىلەن چاۋشيەن شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بەنمىندىيەندە ئاشكارىلانمايدىغان گېنېرال دەرىجىلىكلەرنىڭ ھەربىي ئىشلار سۆھبىتىنى ئۆتكۈزگەن.

  كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتىلىقىنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە بولغان يېڭى دۆلەت پارتىيەسىنىڭ بىر خەۋەردار ئەربابىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە: كورىيە بىلەن چاۋشيەن شۇ جاينىڭ ۋاقتى 15-ئۆكتەبىر چۇشتىن بۇرۇن سائەت ئوندا بەنمىندىيەندە ھەربىي ئشىلار سۆھبىتىنى باشلىغان، بىراق چاۋشيەن تەرەپ بۇنى سىرتقا ئاشكارىلاشنى خالىمىغانلىقتىن، كورىيە ھۆكۈمىتى ئالاقىدار خەۋەرلەرنى سىرتقا ئاشكارىلىمىغان.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيەنىڭ پارلامېنتتىكى بىر ئەزاسىمۇ بۇندىن ئىلگىرى تاراتقۇلارغا، شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتىكى مەسىلىلەرنىڭ شىمال تەرەپ چېگرا سىزىقى بىلەن كورىيە ئۆمىكىنىڭ چاۋشيەنگە تەشۋىقات ۋاراقلىرىنى تارقىتىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ئاشكارلىغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر