باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش پۈتۈن خەلقنىڭ ئورتاق تونۇشى

2014.10.15 16:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت بايرىمى ۋە مەملىكەتلىك خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى قىزغىن تەبرىكلىنىۋاتقان پەيتتە، جۇمھۇرىيەتنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش مۇساپىسىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، دەسلەپكى ئاساسىي قانۇننى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسى شەكىلللىنىپ بولغۇچە 60 يىل كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كەتتى، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇش جەريانى بىر-بىرلەپ ماقۇللىنىپ، تۈزىتىلگەن قانۇندا پۈتۈنلەي گەۋدىلىنىپ تۇرىدۇ.

  بىر چاغلاردا «جۇڭگولۇقلار قانۇنغا ئىشەنمەيدۇ» دېيىش بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا بولغان «ئۆزگىچە چۈشەندۈرۈشى» ئىدى. لېكىن نەچچە ئون يىللىق قانۇن تەربىيەسى ۋە تەشۋىقاتى ئارقىلىق، بۈگۈنكى كۈندە قانۇن جەمئىيەتتىكى ئامما ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك قورالغا ئايلاندى ــــــــ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2008-يىلدىن 2013-يىلغىچە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 50773 دېلو قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئالدىنقى 5 يىلدىكىگە قارىغاندا %174 ئۆرلىگەن.

  لېكىن قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش يولى يەنىلا ئۇزۇنغا سوزۇلغان. مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2013-يىلى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىدىكى قانۇن ۋە شىكايەتكە ئالاقىدار ئەرز دېلوسى %38.5 ئۆرلىگەن. بۇ بىر تەرەپتىن «ئەرز-شىكايەتنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش» جەمئىيەتتىكى ھەرساھەنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن «ئەرز شىكايەتتە قانۇنغا ئىشەنمەسلىك»نىڭ يەنىلا بازىرى چىققانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

  لى شېنمىڭ مۇنداق دېدى: «قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش»نى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قاراشنىڭ ئاچقۇچلۇق سۆزى قىلىش تۈزۈمگە بولغان ئىشەنچىمىزنى كۆرسىتىپ بەرگەن بولۇپ، يەنە تۇتقان يولىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىمىزغا بولغان ئىشەنچىمىزگە، نەزەرىيەگە بولغان ئىشەنچىمىزگە ياردەم بېرىدۇ. سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمىمىز ئورنىتىلىپ بولدى، نەزەرىيە يېتەكچىلىكىمۇ ئاساسەن شەكىللىنىپ بولدى، نۆۋەتتە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي تۈزۈمىمىز ۋە نەزەرىيە يېتەكچىلىكىمىزنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىلا قالدى.

  قانۇن ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ دۆلەتنى باشقۇرۇش ئاساسىي ئىستىراتېگىيەسى، يەنى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكى ئاستىدا، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ھەرخىل جەريان ۋە شەكىل ئارقىلىق دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ، سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەنىڭ تۈزۈملىشىشى، قانۇنلىشىشىنى تەدرىجىي ئەمەلگە ئاشۇرۇشى دېگەنلىكتۇر. مۇخبىر پېڭ بو، جاڭ سۇڭ، شېن شىلار خەۋىرى

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر