باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ تەڭپۇڭلاشتۇرغۇچىسى بولۇشى كېرەك

2014.10.16 08:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ رولىنىڭ ھېچقايسىسىغا سەل قارىغىلى بولمايدىغان ئەھۋال ئاستىدا، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى بىلەن ھۆكۈمەت ۋە بازارنى تىزگىنلەپ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈك ھالەتكە چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسىنى تولۇقلاش كېرەك.

  جۇڭگو ئىقتىسادى 30 يىل تېز سۈرئەتتە ئېشىشنى باشتىن كەچۈردى، ئۇنىڭ سەۋەبى زادى نېمە، نۇرغۇن ئىقتىسادشۇناسلار بۇنىڭغا چۈشەندۈرۈش بەردى، بەزىلەر تېخىمۇ چوڭقۇر سەۋەبىنى كۆرۈپ يەتتى، يەنى ئىقتىساد ئېشىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدىكى ھەقىقىي كۈچ دەل قانۇندۇر.دەل ئىقتىسادشۇناس كوسنىڭ نۇقتىنەزىرىگە ئوخشاش مۈلۈك ھوقۇقى ۋە توختامنى قوغداش ئىقتىسادنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئىقتىساد ئېشىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى. 18-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىندا ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭئىسلاھاتنىئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىكەنلىكى، يادرولۇق مەسىلىنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، بازارنى بايلىق تەقسىماتىداھەل قىلغۇچ رول ئويناتقۇزۇش ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەكلىكى كۆرسىتىلدى. بۇ بازار شۇنىڭدەك ھۆكۈمەتنىڭ ئۆلۈك ھالەتكە چۈشۈپ قېلىش ھادىسىسىنى تېخىمۇ ياخشى بىر تەرەپ قىلىشىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

  جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات باسقۇچىدا ھۆكۈمەت مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئالايلۇق، دۆلەت مۇداپىئەسى، تاشيول قاتارلىق جامائەت بۇيۇملىرىنىڭ تەمىناتى، مۇھىت بۇلغىنىشى قاتارلىقلارنىڭ تاشقى خاراكتېرلىك ئەھۋاللارنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئىچكى خەۋەر قاتارلىقلارنىڭ سېمىتىرىكسىز مەۋجۇتلۇقى، بازارنىڭ بايلىق تەقىسىمات ئۇسۇلىدا ھۆكۈمەت باش بۇلۇپ تەڭشەش ۋە تىزگىنلەشكە موھتاج بولىدۇ. ھالبۇكى، ھۆكۈمەت ھەرىكىتىدىمۇ يىراقنى كۆرەلمەسلىك، چەكلەش كەم بولۇش، خالىغانچە بولۇش ھادىسىلەر، ئەمەلدارلارنى چىرىكلىشىشكە قىزىقتۇرۇش، خىزمەت نەتىجە قارىشى بۇرمىلىنىش قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇپ، ھۆكۈمەتنى بازار تەقسىماتىدىكى يېتەرسىزلىكنى «تېخىمۇ ياخشى» تولۇقلاشقا ئامالسىز قالدۇردى. شۇ ۋەجىدىن نۆۋەتتە دۇچ كېلىدىغان ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتىسى ئىنچىكىلەشكەن، تۈجۈپىلەنگەن قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى قانداق ئىشلىتىپ ھۆكۈمەت ھەرىكىتىنى چەكلەپ، «ھۆكۈمەتنىڭ ئۆلۈك ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشى»نى تولۇقلاشتا.

  لى شۇگۇاڭ خەۋىرى

  جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى

  مەنبە : خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر